ساغلاملىق

بەرەنگىنىڭ شىپالىق رولى

بەرەنگى ئوزۇقلۇقشۇناسلار تەرىپىدىن «قوسۇرسىز» ئەڭ ياخشى يېمەكلىك دەپ ئاتالغان بولۇپ، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاققوناق بىلەن بىللە دۇنيادىكى بەش چوڭ دېھقانچىلىق زىرائىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

بەرەنگىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلىدىغانلىقتىن، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە «ئىككىنچى بولكا» دېگەن نامغا ئىگە. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا چىرايلىق ناملارنى بەرگەن، فرانسىيىلىكلەر ئۇنى يەر ئاستىدىكى ئالما دەپ ئاتايدۇ، ئىتالىيىلىكلەر بولسا ئۇنى يەر مېۋىسى دەپ ئاتايدۇ، گېرمانىيىلىكلەر بولسا تەر نەشپۈتى دەپ ئاتايدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بەرەنگى تەركىبىدە مول ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، كاروتىن، شۇنىڭدەك كالىي، تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلار بار.

بەرەنگىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى نورماللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەش، قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچەيتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق رولى بار، ئۇ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، سوزۇلما ئاشقازان ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىش، تېرىگە ھۆل تەمرەتكە چىقىش، ئاشقازان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە داۋالايدۇ.

بەرەنگىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خولېستېرولنىڭ ئۈچەيدىكى ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش رولى بار بولۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ۋە خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

بەرەنگى سەكتىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ھەر ھەپتىدە 5~6 دانە بەرەنگى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سەكتە پەيدا بولۇپش ئېھتىماللىقىنى %40 ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بىخلىنىپ قالغان، پوستى يېشىلغا ئۆزگىرىپ قالغان بەرەنگىنى ھەرگىز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككى خىل بەرەنگىنىڭ پوستى ۋە بىخ كۆزى ئەتراپىدا زەھەرلىك ماددا ـــ ئىتئۈزۈمى ئىشقارى شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا بەرەنگى پىىشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئادەم بۇنداق بەرەنگىنى يېسە زەھەرلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

بەرەنگى شىرنىسى ئاشقازان كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ھەمىشە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى داۋالايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى، پوستى ئاقلانغان ئىككى دانە بەرەنگىنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن شىرنە سىققۇچقا سېلىپ شىرنىسى چىقىرىپ ئىچىشتىن ئىبارەت.

بەرەنگىنىڭ پوستى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن پوستىنى ئاقلىۋېتىش ياكى پىشۇرغاندىن كېيىن پوستىنى سويۇۋېتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش لازىم.

كىشىلەر دائىم توغرالغان بەرەنگىنى ياكى بەرەنگى قەلەمچىسىنى سۇغا چىلاپ قويۇپ، قورۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئوشۇقچە كراخمالنى چىقىرىۋېتىدۇ. لېكىن بەرەنگىنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت چىلاپ قويۇپ ئوزۇقلۇقلارنى يوقىتىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى