ساغلاملىق

توخو تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى

توخو تۇخۇمى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ئوزۇقلۇق ئامىللار بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى»، «مۇكەممەل ئاقسىل ئەندىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغا بىر دانە توخو تۇخۇمىدىن، تاشقى مۇھىتتىن ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىر چۈجە يېتىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭدىن توخو تۇخۇمىدا ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى 

توخو تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنB2، سېلىن، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.

توخو تۇخۇمى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر توقۇلمىلىرى زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كۈلتۈرۈش رولى بار. توخو تۇخۇمىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. 

توخو تۇخۇمى تۇزغا چىلانغاندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

توخو تۇخۇمى كىچىك بالىلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، ياشانغانلار، ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. توخو تۇخۇمىنى سۇدا، ھوردا پىشۇرۇپ يېسە ياخشى بولىدۇ، قورۇسا، ياغدا پىشۇرسا گەرچە يېيىشلىك بولمىسىمۇ لېكىن تەستە ھەزىم بولىدۇ. 

خام تۇخۇمنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى خام تۇخۇم تەركىبىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز كىشىلەر، مەسىلەن: بوۋاقلار، ياشانغانلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ئاجىزراق كىشىلەر چالا پىشقان ياكى خام تۇخۇمنى يېگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچىيىدە يېقىمسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ.

توخو تۇخۇمى تەركىبىدە خولېستېرولنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنىگە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياشانغانلار، بولۇپمۇ قاندىكى ياغ مىقدارى تۇراقسىزلاشقانلار ۋە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەي، تۇخۇم ئېقىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى لازىم. تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، كۈنىگە بىردىن ئېشىپ كەتمىسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخو تۇخۇمىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى، ياكى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەي، تۇخۇم ئېقىنى يېيىشى لازىم، چۈنكى تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرولنىڭ مىقدارى تۇخۇم ئېقىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گرامدا 1400 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.

بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار توخو تۇخۇمى ئىستېمال قىلماسلىقى، تېرىسىگە جاراھەت چىقىپ يىرىڭلاپ كەتكەنلەرمۇ توخو تۇخۇمىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

كۆكىرىپ قالغان، سېسىپ قالغان توخو تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغاندا، توخو تۇخۇمىنىڭ ئىچىدىكى پەردىسىنى ئېلىپ جاراھەتنىڭ يۈزىگە تېڭىپ قويسا، جاراھەت 3~4 كۈندىلا ساقىيىدۇ. خىزمەتتە چارچاپ مۇسكۇللار ئاغرىغاندا، ئازراق تۇخۇم ئېقى سۈركەپ قويسا، ئاغرىش ئالامىتى پەسىيىلدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى