ساغلاملىق

ئۆردەك گۆشىنىڭ شىپالىق رولى

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۆردەك گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنE,B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، نىكوتىن كىسلاتاسى، تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك تۆمۈر، مىس، سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

ئۆردەك گۆشى يۈرەكنى ئاسرايدۇ. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئولتۇراقلاشقان گاسكونلار ئەجدادتىن ئەۋلاتقىچە كالا يېغىنىڭ ئورنىغا ئۆردەك يېغىنى ئىشلىتىپ قورۇما قورۇپ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن. بۇ ئۆردەك يېغىنىڭ خۇددى زەيتۇن يېغىغا ئوخشاش، قاندىكى خولېستېرول مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئۆردەك گۆشى بدەن زەئىپلىشىش، تامىقى ئاز، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ، ئۆردەك قېنىنىڭ تەمى تۇزلۇق بولۇپ، قان تولۇقلاش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار، چارچاپ قان تۈكۈرۈش، تولغاق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۆردەك گۆشى بېرىبېرى كېسىلى، نېرۋا ياللۇغى ۋە باشقا ياللۇغلارنى داۋالاپ، ئارتۇقچە ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆردەك گۆشى يەنە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 ئۆردەك گۆشى تنى قىزىق، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، تېنى ئاجىز، تامىقى ئاز، قەۋزىيەت ۋە سۇلۇق ئىششىققا گىرىپتا بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يۈرەك كېسىلىگە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشتىن كېيىنكى ئاغرىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئۆردەك گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا يەل تۇرۇپ قالىدۇ، ئۈچەينى سىلىق قىلىۋېتىدۇ، مۇزەككەر زەئىپلىشىشتىن تېلى ئاجىزلاشقانلار، شامالداپ قالغانلا، قورساق ئىچىدە مونەك پەيدا بولۇپ قالغانلار،، بېرىبېرى كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغانلار، بوۋاسىر قانىغانلار ئۆردەك گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. 

ئۆردەك گۆشىنى تاشپاقا گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، بىللە ئىستېمال قىلىنسا مەنپىيلېكىنى كۈچەيتىپ، مۇسبىيلېكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، سۇلۇق ئىششىق، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆردەك گۆشىنى ياڭاق، مور، قارا بۇغداي بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

توخو، ئۆردەك، غاز قاتارلىق قۇشلارنىڭ كاسسىسىنىڭ تۈۋىدە قويرۇق پەي ئۆسىدىغان ئورۇن لىمفا بەزلىرى مەركەزلەشكەن جايدۇر. لىمفا بېزىدىكى زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ۋە ۋىرۇسلارنى، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىمۇ يۇتىۋالىدۇ، لېكىن پارچىلىيالمايدۇ، شۇڭا قۇشلارنىڭ قۇيرۇقى ئۇچى ئىللەت بىلەن توشقان ئامبار بولۇپ، ئۇنى ھەرگىز يېيىشكە بولمايدۇ.

ئادەتتە تېنى سوغۇقتىن زەئىپلەشكەن، ياكى شامالدارىشتىن ئىشتىھاسى تۇتۇلغان، ئاشقازىنى، قورسىقى ئاغرىۋاتقان، ئىچى سۈرۈۋاتقان، ئاغرىتىپ ھەيز كېلىدىغان مەزگىلدە، ۋاقتىنچە ئۆردەك گۆشى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.

ئۆردەك گۆشى تەركىبىدە ئازوت ئېرىتمىسى ھايۋان گۆشىنىڭكىدىن كۆپ، شۇڭا ئۆردەك گۆشىنىڭ تەمى مەززىلىك، ئۇنى پىشۇرۇشتا ئازراق تۇز سېلىۋەتكەندە ئازوت تەركىبلىك ئېرىتمىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېرىتىپ چىقىرىپ، ئۆردەك گۆشى شورپىسىنى مەززىلىك تەمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى