ساغلاملىق

قىزىلمۇچ (لازا)

قىزىلمۇچ كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى ئاچچىق تەمى بار بولۇپ، ئىستېمال قىلىغاندىن كېيىن تىلنى كۆيدۈرگەندەك سېزىم بولىدۇ. 

قىزىلمۇچنىڭ مېۋىسىنىڭ شەكلى بىلەن تەمى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىش مەۋجۇت. قىزىلمۇچ قانچىكى ئۇچلۇق بولسا، ئېتى شۇنچە نېپىز، ئاچچىق تەمى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، قاپاقمۇچ كۆپىنچە تاتلىق بولۇپ، ئېتى قانچىكى قېلىن بولسا، تەمى شۇنچە تاتلىق بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، ۋىتامىن P، كاروتىن، شۇنىڭدەك تۆمۈر، فوسفور، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گرام قىزىلمۇچ تەركىبىدە 105 مىللىگرام ۋىتامىن C بولىدۇ. 

قىزىلمۇچنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار. ئاغزىغا تاماق تېتىمىغان، تاماق مىقدارى ئازىيىپ كەتكەن چاغدا، تاماققا ئازراق قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ ئىستېمال قىلغاندا تاماق مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. 

قىزىلمۇچنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىش، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار ھەمدە ئۈچەيدىكى نورمالسىز ئېچىشنى تومۇزلاپ، ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇپ قالغان گازنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ. 

قىزىلمۇچ يېگەندە ئادەمنى تەرلىتىپ، تېرىدىكى نەملىكنى پارغا ئايلاندرۇۇپ، مۇئەييەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى خورىتىدۇ. 

قىزىلمۇچ يەنە ئاشقازاندىكى پارازىت قۇرتلارنى تىزگىنلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. 

قىزىلمۇچ شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى، كراخمال ئاكتىپ فېرمېنتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، زۇكام، ئارتېرىيە قېتىشىش، ناماز شام قارىغۇسى ۋە قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار. 

قىزىلمۇچنىڭ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، ئادەمنى ئورۇقلىتىش رولى بار، رېماتىزمنى داۋالايدۇ. 

قىزىلمۇچنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدۇ، قىزىلمۇچ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوغۇقتىن قورقۇش، ئۈششۈك، قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ، يۈرەك كېسىلىنى تىزگىنلەش، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىشتىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قىزىلمۇچنى بىر قېتىمدا كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. چۈنكى كاپزائىتسىن (قىزىلمۇچ ماددىسى) ئادەم بەدىنىگە قارىتا كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، يۇقىرى قان بېسىم، چىش مىلىكى ياللۇغى ھەمدە بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار قىزىلمۇچنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. قىزىلمۇچنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، ياللۇغلىنىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۆتكۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى (كۆز قىزىرىش)، چىش ئاغرىش، گال ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش كېسەللىك ئالامىتى بارلار ۋە ئكپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغانلار قىزىلمۇچ ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم. 

قىزىلمۇچ ھەم ئاچچىق ھەم ئىسسىق بولغاچقا، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، يۇقىرى قان بېسىم، ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغانلارمۇ قىزىلمۇچ ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى لازىم. 

كۆك قىزىلمۇچنى قورۇشتا ئوتنىڭ تاۋىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش لازىم، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئىسسىققا چىدامسىز بولغانلىقتىن، ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، مىس قازان-قۇمۇچتا تېخىمۇ شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن، مىس قازان-قۇمۇچنى ئىشلىتىپ قىزىلمۇچ سېلىنغان قورۇما قورۇشتىن ساقلىنىش لازىم. 

قىزىلمۇچنى ساقلاش تېمپېراتۇرىسى ئەڭ ياخشىسى 8-10 سىلسىيە گرادۇس بولۇشى ھەمدە مۇۋاپىق  ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى لازىم، ئادەتتە قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى