ساغلاملىق

قارا ئەتلىك توخو

قارائەتلىك توخو يەنە قارا سۆڭەكلىك توخومۇ دېيىلىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن قارىغاندا، قارا ئەتلىك توخو گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى توخونىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى، ئۇنىڭ دورىلىق ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولىغا ئادەتتىكى توخونىڭكىدىن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قارائەتلىك توخو گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنB2، ۋىتامىنE، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك تۆمۈر، فوسفور، كالتسىي، ماگنىي، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. قارائەتلىك توخو تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىدىن تەخمىنەن 10 ھەسسە يۇقىرى، سىنىك تەخمىنەن دادۇرنىڭكىدىن 3.3 ھەسسە يۇقىرى ، ھەتتا تەركىبىدە سىنك مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارىلىدىغان كالا جىگىرىنىڭكىدىن 1.2 ھەسسە يۇقىرى.

قارائەتلىك توخو گۆشى ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، مۇسكۇلنى كۈچەيتىپ، سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش، راخىت كېسىلى، ئاياللاردىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرىلىك قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار.

قارائەتلىك توخو گۆشى كېسەلدىن كېيىن، تۇغۇتتىن كېيىن قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا قاننى تولۇقلاش، ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.

قارائەتلىك توخو گۆشىنىڭ مەنپىيلىكنى كۈچەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئۇرۇقنى تولۇقلاش، جىگەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قىزىتمىنى ياندۇرۇش، زەئىپلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قارائەتلىك توخو گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن بىللە شورپا قايناتسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئۇنى دۈملەپ پىشۇرۇشتا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى بېسىملىق قازان ئىشلەتمەسلىك لازىم. قۇم قازاندا پەس ئوتتا ئالدىرىماي قاينىتىپ دۈملىسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

قارائەتلىك توخو گۆشى بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئېسىل بۇيۇم بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەلغەم پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئىسسق ھاسىل قىلىپ، يەلنى قوزغايدۇ، شۇڭا زۇكامداپ قىزىپ قالغانلار، ياكى نەم ئىسسىقتىن بولغان ئىچكى دەرد تۈپەيلى تامىقى ئازىيىپ كەتكەنلەر، قورسىقى ئېسىلىدىغانلار قارائەتلىك توخو گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى