ساغلاملىق

پىياز (2)

پىياز باش پىياز، سۇڭپىياز (غولپىياز)، يازلىق سۇڭپىيازلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى رايونلىرىدىكى كىشىلەر سۇڭپىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇب رايونلىرىدىكى كىشىلەر يازلىق سۇڭپىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق بەزى مىللەتلەر باش پىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. 

پىياز ئاشخانىدىكى زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئاچچىق تەمگە ۋە خۇش پۇراققا ئىگە بولۇپ، ھەم تەم تەڭشەەش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە، ھەم كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

پىياز تەركىبىدە ۋىتامىن B6، ۋىتامىن E، پانتوتېنىك كىسلاتا ۋە سېلېن، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

پىياز مايلىق قورۇمىلارنىڭ ماي پۇرىقىنى يوقىتىپ، بىر خىل مەززىلىك پۇراق ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. 

پىيازنىڭ ئۇششاق قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلايدۇ، قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپ، چوڭ مېڭىنى جانلىق ھالەتتە ساقلايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇئەييەن رولى بار. 

پىياز بىر قەدەر كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالاقىدار بەزلەرنىڭ ئاجراتما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، تەرلىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئارقىلىق بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

پىياز ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى نىترىتلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاشقازان راكى ۋە باشقا ككپ خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

پىياز ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، زەئىپلىكتىن كۆپ تەرلەش، قولتۇق پۇراش، كۆز كېسىلى، ئاشقازان ئۈچەي كېسىلى، بولۇپمۇ يارا كېسىلى بارلار پىياز ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. پىيازنىڭ تەر بېزىنى غىدىقلاش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇڭا قولتۇقى پۇرايدىغانلار ياز پەسلىدە پىيازنى ئىېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى، ككپ تەرلەيدىغانلار پىياز ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

پىيازنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، بولمىسا باش قېيىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

پىيازنى ھەسەل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 

ئادەم پىياز ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئېغىزدا پۇرىقى قېپقالىدۇ، بۇنداق چاغدا قېنىق دەملەنگەن چاي بىلەن ئېغىزنى چايقىسا ياكى بىرنەچچە تال چاي يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرسە، بۇ خىل پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. 

سۇڭپىيازنى كىچىك باغلام قىلىپ باغلاپ، يىلتىزىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قىسقا مۇددەت ساقلاشقا بولىدۇ، سۇڭپىيازنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، توڭلاپ قېلىشتىن قورقمايدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى