ساغلاملىق

قارا شېكەر ۋە كۈدە بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ

بۇرۇنقى ئانىلار بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا قارا شېكەر بىلەن كۈدە ئارقىلىق توختىتاتتى.  مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: كۈدە گۈلسامساق ئاىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۇرۇقى ۋە يوپۇرمىقى دورا، كۈدىنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، تېتىكلەشتۈرۈش، تەر توختىتىش قاتارلىق رولىدىن باشقا يەنە قاننى ئۇيۇلدۇرۇش ۋە قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىمۇ بار. قارا شېكەر تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، تالغا سىڭىشلىق. قارا شېكەر قۇۋۋەتنى كۈچەيتىپ قان تولۇقلايدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ، ئاغرىقنى يەڭگىللىتىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇغان قاننى ئېرىتىدۇ، قارا شېكەردىكى فولىن كىسلاتاسى، مىكرو ماددا قاتارلىقلار قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قان سىغىمچانلىقىنىڭ تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى غىدىقلاپ، قان سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىدۇ. 

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: كۈدە بىلەن قارا شېكەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، تالنى قۇۋۋەتلەپ بەدەن كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان تولۇقلاش ۋە قان توختىتىش رولىنى جارى قىلىدۇ. گەرچە كۈدە بىلەن قارا شېكەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، دېگەنلىك ئەمەس. 

كۈدىدە يىرىك تالا نىسبەتەن كۆپ، شۇڭا ئۇنى ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش تەس، بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئىچى سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. قارا شېكەرنى كۆپ يېگەندە چىش ئوڭاي چىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىقى ئاشقان، ھەزىم قىلىشى ناچار ئاغرىقلار كۈدە بىلەن قارا شېكەرگە چەك قويمىسا بولمايدۇ. بۇرۇن قاتناش جىددىي مەزگىل ۋە پەسەيگەن مەزگىلگە بۆلۈنىدۇ. جىددى مەزگىلدە قان كۆپ چىقسا، شوك بولۇشنى پەيدا قىلىپ، ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى