ساغلاملىق

پىيازنىڭ شىپالىق رولى

ئەرەپچە نامى: بەسەل

خەنزۇچە نامى: 洋葱

تونۇش: بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك پىيازنىڭ بېشىدىن ئىبارەت بولغان، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىرخىل ئوتياش بولۇپ، بۇ ئوتياشنىڭ يىلتىزسىمان غولى <پىياز> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: ئىششىق تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھوشسىزلىق، يۈرەك كېسىلى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز كەلمەسلىك، كالتە يۆتەل، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، باھ ئاجىزلىقى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىيازنى ئوتياش ئورنىدا ئىشلەتكەندىن سىرت بۇنى دورا ئورنىدا قاينىتىپ ئىچسە سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشكە پايدا قىلىدۇ، خام يېسە ھەيز ۋە سۈيدۈكنى ھەيدەپ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، كۆز كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ، پىيازنىڭ سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ سۈيىنى چىقىرىپ ھەرخىل ئىششىق ۋە بەھەق، بەرەسلەرگە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ. بوۋاسىرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن بوۋاسىر ئۈستىگە تېڭىلىدۇ، خولېرا كېسىلى ئۈچۈن پىيازنىڭ سۈيىنى ھاك بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ، ۋابا، تائۇن قاتارلىق كېسەللەردە پىياز سىركە بىلەن يېگۈزۈلىدۇ، پىيازنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ھەسەل بىلەن ئىچسە كالتە يۆتەلگە ئارام بېرىدۇ، سەپەردە باشقا يۇرتلارنىڭ سۈيى كېلىشمىگەندە پىياز يېسە ساقىيىدۇ، پىياز سۈيىدىن كۈندە ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسە، يۈرەك كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ،  پىيازنىڭ پۇرىقى ھېستېرىيە كېسەللىرىدە ھوشىغا كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ ئىلمان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىلسا ئىششىق قايتۇرىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: سۈيىدىن 20-30 مىللىلىتىر.

زىيانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، كۆپ يېسە ئۇنتۇغاق بولىدۇ، مېڭە ۋە بەدەنگە يەل پەيدا قىلىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى: سىركە، تۇز، ھەسەل، ئانار سۈيى. 

ئورۇنباسارى: كۈدە (جۈسەي)

چىقىش ئورنى: ئاپتونۇم رايونىمىزدىن چىقىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى