ساغلاملىق

جىگەر

ئەرەپچە نامى: كەبىد

تونۇش: بۇ بىرخىل مۇرەككەپ ئەزا بولۇپ، ئۇ ئىنسان ۋە ھايۋاناتنىڭ بەدىنىدىكى چوڭ ئاساسىي ئەزا ھېسابلىنىدۇ، تەبىئىتى قۇۋۋەت باشقا ئەزالارغا شۇ جىگەردىن بارىدۇ. ئۇ تاماق ۋە خىلىتلارنىڭ ھەرقېتىم ھەزىم بولۇپ پىشىدىغان ئورۇندۇر. جىگەرلەرنىڭ ياخشىراقى ئۇچار جانىۋارلارنىڭ جىگىرىدۇر. بولۇپمۇ ياش، سېمىز، ساغلام بولغان توخو، غاز، ئۆردەكنىڭ جىگىرىدۇر. چارۋا ماللار جىگىرىدىن ياخشىراقى ئوغلاقنىڭ ۋە بىر ياشلىق سېمىز قوينىڭ جىگىرىدۇر. جىگەرنىڭ ناچارراقى قېرى، چوڭ ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدۇر. بولۇپمۇ جاڭگالنىڭ ۋەھشى ھايۋانلىرىنىڭ جىگىرى ناچار بولىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

شىپالىق رولى: ئۈچەينىڭ يىرىڭلىق جاراھەتلىرىنى يوقىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قان تولۇقلاش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئۈچەيدىكى يىرىڭلىق جاراھەت ۋە ئىچى سۈرۈش، كەم قانلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەگەر ئىستېمال قىلغۇچىنىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولسا ھەم ھەزىم قىلالىسا ئېشەكنىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ ناشتىدا يېسە تۇتقاقلىق كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ. كەكلىكنىڭ جىگىرىنى قۇرۇتۇپ ھەرقېتىم تۆت گىرامدىن ئىستېمال قىلسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا چاشقاننىڭ جىگىرىمۇ شۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۆرىنىڭ جىگىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسە جىگەر ۋە تومۇر ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئىت جىگىرى غالجىر ئىت چىشلىگەن كىشىگە ۋە غالجىر ئىت چىشلەپ سۇدىن قورقىدىغان كېسەل بولۇپ قالغان كىشىگە پايدا قىلىدۇ. جىگەرنى ئىچكى تەرەپتىن ھەم سىرتقى تەرەپتىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئوغلاقنىڭ جىگىرىنى قورۇپ يېسە تۇتقاقلىق كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. كېلەرنىڭ جىگىرىنى قۇرت يەپ ئاغرىغان چىشقا قويسا ئاغرىق باسىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئالماس يەپ سالغان بولسا كېسەلنىڭ جىگىرىنى يىپقا چىگىپ يۇتۇۋېتىپ بىر ئاز تۇرغۇزۇپ يىپنى ئاستا تارتىپ ئالسا ئالماس شۇ جىگەرگە چاپلىشىپ چىقىدۇ. قارىمۇچ، پىلپىل قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئېزىپ تۆگىنىڭ جىگىرىگە سېپىپ كاۋاپ قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاققان سۇنى كۆزگە تارتسا نامازشام قارىغۇسى كېسىلىنى يوقىتىدۇ ھەم يېڭىدىن كۆزگە سۇ چۈشۈشكە پايدا قىلىدۇ. تۆگىنىڭ جىگىرىنى قۇرۇتۇپ كۆزگەر تارتسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.

زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى؛ تۇز، سىركە، ئاچچىقسۇ، زىرە، دارچىن، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن سىركە ۋە يۇمغاقسۈت.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى