ساغلاملىق

زەيتۇن يېغى

خەنزۇچە ئاتىلىشى: 橄榄油

ئەرەبچە نامى: زۆرەمباد

تونۇش: بۇ زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك زەرچىۋە، زۇرۇمباد ياكى بۇزۇغىنىڭ تۆگۈنەك يىلتىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، ‹زۇرۇمبات› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل يوقىتىش، بەدەننى سەمرىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بەلغەم مەنبەلىك يۆتەل، روھىي كېسەللىكلەر، يۈرەك قوزغاش، يەل مەنبەلىك بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىلاردىكى تولغاق، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئېسىلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىمنىڭ ناچارلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭدىن بىر گرام مىقداردىكى سۇفۇپىنى ئىستېمال قىلسا يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرىغا قوشۇپ ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ئېزىپ سوغۇقتىن بولغان ئىششىقلارغا چېپىلسا ئىششىقلارنى تارقىتىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 2-4 گرام

زىيانلىق تەسىرى: يۈرەككە زىيانلىق.

تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە.

ئورۇنباسارى: بوزىدان، دۇرنەج ئەقرەبى.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى