ساغلاملىق

شورپىنىڭ ساقلىق ساقلاش رولى

سۆڭەك شورپىسى قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. سۆڭەك شورپىسى تەركىبىدە ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ۋە يېلىم ئاقسىلى بار بولۇپ، مىكرو ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قېرىلىقتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ.

كۆكتات شورپىسى بەدەننى تازىلايدۇ. يېڭى كۆكتات تەركىبىدە زور مىقداردا ئىشقارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، كۆكتات شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، قان سۇيۇقلۇقى ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتكە كېلىپ، تەندىكى بۇلغىغۇچى، زەھەرلىك ماددىلار سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.

بېلىق شورپىسى دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بېلىق شورپىسى تەركىبىدە زور مىقداردا ياللۇغلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن نەپەس يولى ياللۇغلىنىشنىڭ ھەمدە دەم سىقىلىش كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

لامىنارىيە شورپىسى سوغۇقتىن ساقلايدۇ. لامىنارىيە تەركىبىدە زور مىقداردا يود ئېلېمېنتى بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاش سۈيى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چوڭ مېڭە تەركىبىدىكى ئاتسېتىل خولىن يېتەرلىك بولمىسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ، چوڭ مېڭە تەركىبىدىكى ئاتسېتىل خولىننى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى — تەركىبىدە لېتسىتىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت. لېتسىتىن سۇ بىلەن ئاسان بىرىكىدىغان بولغاچقا، لەڭمەن ئەتكەندە زور مىقداردىكى لېتسىتىن ئاش سۈيىگە چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاش سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى