ساغلاملىق

چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا قىلىدۇ

چامغۇر تەبىئىتى ئىسسىق، زەھەرسىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىر بولغان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. چامغۇر تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كراخمال، گلوكوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانلار ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مېنىرال ماددىلاردىن تۆمۈر، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىق ئېلېمنتلارمۇ بار. بۇ ماددىلار چامغۇرنىڭ كۆكىدە كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن Dلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ۋىتامىن B يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پۇت تەمرەتكىسى، نېرۋا  ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يەلنى ھەيدەيدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا چامغۇرنى خام يىسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، جىگەر كېسىلى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قېچىشقاق، قار داغ كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. ماغدۇرسىزلىق ۋە ئۆپكە  تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغانلار تازا پىشقان چامغۇرنى ئېتىزدىن يۇلماي تۇرۇپ كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ، ئۇيۇلغان جايغا ئازراق قارا شېكەر سېلىپ، ئۇيۇلغان تەرىپىنى پاكىز نەرسىلەر بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە چىنە كۆمتۈرۈپ بىر كېچە- كۈندۈز تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇيۇلغان جايغا يىغىلغان سۇنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .  چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا قىلىدۇ

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى