ساغلاملىق

ئاق رەڭلىك سۈيدۈك

ئاق رەڭلىك سۈيدۈك: ھۆل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئاق كېلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئاغرىقلاردا ھارارەت مېڭىگە يېتىپ بارغاندا سۈيدۈك ئاق، سۈزۈك بولۇپ، تېگىدە چۆكمىسى بولمايدۇ. بۇ ، سەپرا خىلىتىنىڭ (قۇرۇق ئىسسىق) ماي بىلەن بىرىككەنلېكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۈچەەيدە يارا پەيدا بولۇش خەۋپى بولىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ سۈيدۈكى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزگەرمەي ئاق كەلسە، مېڭە ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەلغەم ماددىسى كۆپ بولسا سۈيدۈك مەنىيدەك ئاق، قويۇق ۋە شىلىمشىق كېلىدۇ. بۇ، پالەچ ۋە تارتىشىپ قېلىش كېسەللېكىنىڭ دەسلەپكى بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سېرىق كۆپۈك بولسا يامانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىك بەلگىلىرى كۆرۈلسە، سالامەتلىكنىڭ نىشانى بولۇپ، سۈرگە بېرىش بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. سۈيدۈكنىڭ ئاق ۋە ياغلىشاڭغۇ بولۇشى بەدەندىكى مايلارنىڭ ئېرىشى ھەم بۆرەك ئاجىزلىقى يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى