ساغلاملىق

دانىخورەك توغرىسىدىكى بۇ بىلىملەرنى بىلىۋېلىڭ

1. ئاق ۋە قارا باشلىق دانىخورەكلەرنى قولدا سىقماسلىق، كەسپىي داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ، دېزىنفىكسىيەلەنگەن سىقما ئۈسكۈنىسىدە سىقىش كېرەك. ھەرگىز بۇرۇن چاپلىقى ياكى تۇخۇم ئېقى سۈرتۈپ يوقىتىمەن دېمەسلىك كېرەك.
سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا بولسا ۋىتامىن A كىسلاتا تۈرىدىكىلەر بولۇپ، بىراق ئۈنۈمى بىر قەدەر ئاستا، ئەڭ ئاز بولغاندا ئالتە ھەپتە كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ۋىتامىن A كىسلاتا تۈرىدىكىلەرنى ئىشلەتكەن تۇنجى ئېيىدا، دانىخورەكنىڭ ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بۇ دائىملىق ئەھۋالدۇر، بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتمەي، ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
دوختۇرخانىغا بېرىپ باشقا دانىخورەك دورىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆرسىمۇ بولىدۇ، بىراق ۋىتامىن A كىسلاتا تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىشنى توختاتماسلىق كېرەك. سىرتتىن ئىشلىتىدىغان تېرە ئاسراش بويۇملىرىدىن مېۋە كىسلاتاسىنى ئىشلىتىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەن ياكى ئوتتۇرا قويۇقلۇقتىكى، قارا باشلىق دانىخورەككە بولغان ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىككى ھەپتىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2. قىزىل ۋە يىرىڭلىق دانىخورەكنىمۇ سىقماسلىق كېرەك. سىرتتىن بېنزويل پېروكسىد ۋە ئانتىبىئوتىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇدا ئىشلەتكەندە يامان ئەمەس ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىراق ئانتىبىئوتىكنى يالغۇز ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە، باكتېرىيەلەرنىڭ دورىغا چىدامدانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
بەزى ماتېرىياللاردا ۋىتامىن C تۈرىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى دانىخورەك ئىزىنى سۇسلىتىپلا قالماي، يەنە ياللۇغ خاراكتېرىدىكى دانىخورەكنى داۋالايدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.
3. دانىخورەك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلار يەنى خالتىلىق ئىششىق ۋە تۈگۈن بولسا سىرتتىن ۋىتامىن A كىسلاتا تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، بىرلەشمە بېنزويل پېروكسىد ياكى ئانتىبىئوتىك ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. نۇر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئېغىر دانىخورەكلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك داۋالايدۇ.
4. دانىخورەك ئىزى ۋە ئورىكى، قىزىل رەڭلىك دانىخورەك ئىزىنى بېنزويل پېروكسىدنى داۋاملىق ئىشلىتىش، قارا ۋە قوڭۇر رەڭلىك دانىخورەك ئىزىغا سىرتتىن گىدروخىنون (氢醌) ۋە پېگمىنىت يوقىتىدىغان تېببىي تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. سەھىيەدە ئىشلىتىش دەرىجىسىدىكى كوللاگېنلىق ئاقسىل ياكى ئامىنو كىسلاتالىق يۈز چاپلىقى ئىشلىتىش كېرەك.
5. دانىخورەك توختىمايلا چىقىپ كىشىنى بىئارام قىلسا ياكى سىرتتىن ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ئاستىدەك ھېس قىلىپ، تېزرەك ساقىيىشنى ئۈمىد قىلسا، ئىزوۋىتامىن A كىسلاتاسىنى ئىچىش كېرەك. بىراق بۇ تۈردىكى دورىلارنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىشلىتىش كېرەك.
6. ھەيز مەزگىلىدىكى دانىخورەك بولۇپمۇ ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن ئېغىرلىشىدۇ، يەنى بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
7. قان قەنتىنى ئۆرلىتىدىغان يېمەكلىكلەر، روھىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى، تۈنەش، مايلىق دەرىجىسى ئېغىز تېرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ ھەممىسى دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ ياكى ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى