ساغلاملىق

بۆرەك قاتتىق ئىششىقى

تونۇش: بۆرەك قاتتىق ئىششىغى-بۇ كېسەللىك ئوخشاشلا سۇزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بولۇپ، جاھىل خاراكتېردە يۈز بېرىدىغان داۋالاش قېيىن بولغان بۆرەك ئىششىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىششىق بۆرەك توقۇلمىلىرىدا قاتتىقلىشىشنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: بۇ كېسەل كۆپىنچە غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىقتىن بولغان ياكى سوغۇقتىن بولغان بۆرەك ئىششىقلىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا داۋالانماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بەدەندە سەۋدا خىلتى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغاندا ئاساسلىقى تومۇرلارغا قارىتا نىسبەتەن ئىلاستىكىلىقنى تۆۋەنلىتىش ۋە چۆكمىگە چۇشۇش تەسىرى بىرىدۇ. مانا بۇ غەيرى ئۆزگىرىش بۆرەك كىچىك شارچىلىرى ۋە قىل قان تومۇرلىرىدا قاتتىقلىشش، ئىلاستىكىلىغىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىدىن ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى: بۆرەكتە ئېغىرلىق بولىدۇ. ئاغرىش روشەن بولمايدۇ. بىمارنىڭ سۈيدىكى سوغۇق ۋە سۇزۇك ياكى كۆكۇش كېلىدۇ.ئىككى يانپاشتا قۇلۇشۇش بولىدۇ. تۆۋەنكى مۆچە ماغدۇرسىزلىنىپ بىماردا ئاجىزلىشش كۆرۈلىدۇ. بېلىنى رۇسلىيالمايدۇ. بۇ كېسەل ياخشى داۋالانمىسا پۇتۇن بەدەندە ئىششىق پەيدا بولۇپ تەدرىجى تەبىدىق كېسىلىگە ئېلىپ بارىدۇ(ئۇمۇمى بەدەنلىك خوراش كېسىلى)

داۋالاش پىرىنسىپى: ئىسسىق ئۆتكۈزۈش،يۇمشۇتۇش ۋە ئىششىق تارقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى