ساغلاملىق

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۇسۇلى

سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر كېسەل. 

ئەگەر تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ. 

1. ماغدۇرسىلىنىش:  ماغدۇرسىزلىنىش بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا سەل قارىلىدۇ. چۈنكى ماغدۇرسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك ۋە قاننى تەكشۈرتۈش كېرەك.

2. ئىششىق: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز قاپىقى ئىششىپ قوپۇش، چۈشتىن كېيىن ئىششىق يېنىش؛ ھېرىپ-چارچاشتىن كېيىن ئىككى پۇت ئىششىش، ئازراق دەم ئالغاندىن كېيىن ئىششىق يېنىش ئالامەتلىرى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەنلېكىنىڭ ئىپادىسى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە قاراپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

3. چىراي سارغىيىش: سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە ئادەمنىڭ چىرايى سارغىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە قان ئازىيىپ كېتىدۇ-دە، چىراي سارغىيىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايقىغىلى بولمايدۇ.

4. تېرە قىچىشىش: بۇنى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىش، سۆسۈن داغ قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.

5. ئىشتىھا تۇتۇلۇش: سۈيدۈك زەھىرى يىغىلىپ قېلىپ، بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزگەندە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماققا كۆڭلى تارتماس بولۇپ قالىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى