ساغلاملىق

بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئىششىقى

تۇنۇش: بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئىششىغى-بۇ سوزۇلما بۆرەك ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن بولغان بۆرەك ئىششىقىنىڭ تۇلۇق ساقايماسلىغى،بۆرەك ساھەسىگە ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىش،بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولۇش، تومۇر ھەركىتى سۇس بولۇش، سۈيدۈك ئاق كېلىش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن سوزۇلما داۋاملىششتىن باشقا بۆرەك كېسەللىكى ئالامەتلىرى روشەن بولمايدىغان سوزۇلما داۋاملىشىپ ئاستا تەرەققى قىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىسسىقتىن بولغان بۆرەك ئىششىغىنىڭ سوزۇلما داۋاملىشىشىدىن ياكى مىزاج بوزۇلۇشتىن باشقا بۆرەك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، ئۈستۇنكى نەپەس يوللىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، قۇيۇق بەلغەم خىلتىنىڭ زىيادە تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئىككىلەمچى بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: سىبلىس، بەزگەك، كىزىك،سۈيدۈكلۈك ئىششىقى،مۇپاسىل كېسەللىكلىرىدىن ئىككىلەمچى بولۇپ كېلىدۇ.

ئالامىتى: بۆرەك ئۇدۇلىدا سۇس ئاغرىش بولىدۇ. تومۇرى بوش سالىدۇ.سۇيدۇكى ئاق كېلىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلىنى تۇتۇپ تەكشۇرگەندە سوغۇق بىلىنىدۇ.كېسەللىك ئاستا تەرەققى قىلغانلىقتىن بەزى ئالامەتلەر روشەن بولايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بۇرۇن قاناش بولىدۇ. بەدەن تەدرىجى ئۇرۇقلايدۇ، ئاز مىقتاردا قورساققا سۇ چۇشۇش بولىدۇ. قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، سۇيدۇكى قۇيۇق قىزىل(بەزىدە)بولۇپ بەزىدە تەركىبىدە چۆكمە ماددا بولىدۇ، بۆرەك ئىچى قۇرۇلمىلىرى تەدرىجى بۇزۇلۇشقا ئەگىشىپ سۇيدۇكتىن زەھەرلىنىش ،يۈقىرى قان بېسىم، جىددى خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ سەۋەپكە قارىتا داۋالاش ،ئىششىق ياندۇرغۇچى،سۈيدۈك ھەيدىگۈچى،ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ بۆرەكنى سەمىرتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى