ساغلاملىق

بۆرەك ياللۇغى (1)

سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كىلىنىكىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ يۇقۇملىنىش  ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن:

1) ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش.

2) ئاستىنقى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ.

بۆرەك جامى بۆرەك  ياللۇغى سۈيدۈك توشۇش نەيچە ياللۇغى، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش دوساق ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنىڭ ئاشكارلىنىش ئاشكارلانماسلىقىغا ئاساسەن :

1) ئالامەتلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى.

2) ئالامەتسىىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ.

ھەرقايسى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك قوزغىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن مىكروب بولسىمۇ لېكىن بۇلار سۈيدۈك تەركىبىدىكى مىكروبلارنى چەكلەيدىغان  تەركىبلەر بىلەن سۈيدۈكنىڭ ئېقىتىش رولى بولغاچقا كېسەللىك قوزغىتالمايدۇ. لېكىن سۈيدۈك يولى تاش كېسەللىگى، سۈيدۈك يولى تارىيىش، زەخىملىنىش، قوشنا ئەزالاردىكى ئۆسمە، مەزى بېزى چوڭىيىش، ھامىلىدارلىق، سۈيدۈك يولىغا نەيچە سېلىش، دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكېگە تەۋە بولغان بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى توغرىسىدا نوختىلىق توختىلىپ ئۆتىمىز

تونۇش: بۆرەك  ئۇيۇل ماددىسى بىلەن سۈيدۈك كانىلى تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇننىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا قۇرۇش، توڭلاپ تىترەش، بەك ئاغرىش سىيگەندە ئېچىشىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئاياللاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان تونۇش، دىياگنوز قۇيۇش، بىر قەدەر ئاسان بولغان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېما كېسەللېكىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ئۇ كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋە ئالامەتلىرىنڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە ئاساسەن :

1) ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئىسسىقتىن بولغان بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى.

2) سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما بۆرەك  جامى ياللۇغى دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى: ⑴قاننىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بولغان. ھەرخىل جاراسىملار قان خىلىتىغا ئارىلىشىپ ياللۇغلانغان ناھايىتى ئاسان بۆرەككە تەسىر كۆرسىتىپ بۆرەك  جامىدا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرەك  ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىيدىغان ئاساسلىق چىقىرىش ئەزاسى بولۇپ قان بۇزۇلغاندا، ياللۇغلانغاندا ھەمدە بەدەننىڭ كېسەللىكىگە قارىشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلىگەندە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرلىنىدۇ.

⑵ كۆيگەن سەپرانىڭ تەسىردىن بولىدۇ. سەپرا خىلىتى كۈچلۈك ھارارەت تەسىردە كۈيۈپ ئۆتكۈرلەشكەندە غىدىقلاش، ئېچىشتۇرۇش، قىزارتىش تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان سەفىزائى مۇھتەدىقەنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ يەرلىك ئورۇن شىللىق پەردىلىرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، سۇلۇق ئىششىق، قانلىق  ئىششىقنى پەيدا قىلىپ جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

⑶ يۇقۇملىنىش: سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ تەكرار قوزغىلىپ تەرەققىي قىلىشى مەزكۇركېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. باتوفىزىئولوگىيەسى: بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغنىڭ باتوفىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ بەزىدە ئېغىرلىرىدا بۆرەك  ئىششىيدۇ. كەسمە يۈزىگە قان تولۇپ يارا، يىرىڭ شەكىللىنىدۇ. بەزىلىرىدە توقۇلمىلار نىكروزلىنپ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىدۇ. سوزۇلما بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغىدا بۆرەك  نورمالدىن سەل كىچىك بولۇپ ئىككى تەرەپ، سىمىتىرىك بولمايدۇ. شىللىق پەردىلەردە قېلىنلاش بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا غەيرىلىك يىگلەش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.بىرقىسىم ئايرىم بىمارلاردا بۆرەك  كىچىك شارچىلىرى تالالىشىدۇ،بۆرەك  قان تومۇرلىرى قاتىدۇ بۇنىڭ بىلەن ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك  ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

كىلىنىكىلىق  ئىپادىسى:

1. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى.

كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى بىرقەدەر تىز ھەم جىددىي بولۇپ ھەرقايسى ياشتىكېلەردە تۇغۇتلۇق ئايال كۆپ كۆرۈلىدۇ.

(1) ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر: بىماردا يۇقىرى قىزىتما، جۇغ جۇغ بولۇپ تەرلەيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. باش ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىيدۇ. قىزىتمىنڭ خاراكتېرى بوشاشتۇرغۇچى قىزىتما ۋە ئارلىغۇچ قىززتما بولۇپ 39- 38 قا ھەتتا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.

(2) سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېما ئالامەتلىرى: بىمارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بەل ئاغرىش قادىلىپ، سانجىلىپ،تۆۋەندىكى قورساق رايونى ئاغرىش بولۇپ، ئاغرىش سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىنى  بويلاپ دوۋساققا قاراپ تارقايدۇ. شۇ ئەتراپتىكى رايونلارنى باسقاندا بۆرەكنى مۇشتلىغاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۈيدۈك قىستاش، كۆپ سىيىش، سىيگەندە ئېچىشىش ئاغرىشقا ئوخشاش دوساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى %50 كۆرۈلىدۇ. ئاز بىرقىسىم بىمارلاردا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ.

(3) باشقا ئالامەتلەر: بىمارلاردا ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. بالىلاردا بولسا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېما ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولماي يۇقىرى قىزىتما بىلەن تارتىشىش، جۆيلۈش بولىدۇ..

2. سۇزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى: كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇپ 6 ئايدىن بىر يىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇخىل تۈرنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە ھېچقانداق كىلىنىكىلىق  ئىپادىسى كۆرۈلمەي باكتېرىيەلىك سۈيدۈك بولىدۇ. يېرىمىدىن كۆپرەك بىمارلاردا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى بىلەن ئاغرىش تارىخى بولىدۇ.

ئاساسلىق ئالامەتلەردىن: تۆۋەن قىزىتما ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قان ئازلىق بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ۋە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دوسۇن غىدىقلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ، كېسەللىك بىرقەدەر ئۇزۇن داۋاملاشقۇچىلاردا كېچىلىك سۈيدۈك كۆپىيىش، بۆرەك  ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بۇلار بۆرەك  ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن، قان تومۇرلارنى قىسقارتقۇچى ماددىلار، بۆرەك  قان تومۇرلىرى قېتىش، تارىيىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ئايرىم بىمارلاردا بىر تەرەپ بۆرەكنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قان بېسىم ئەسلىگە كېلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

دىياگنوز قۇيۇش ئۆلچىمى:

(1) تىپىك كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە بەدەن بەلگىلىرىگە ئاساسلىنىپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. مەسىلەن : يۇقىرى قىزىتما، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك كۆپىيىش، سىيگەندە ئىچىشىش قاتارلىق دۇسۇن غىدىقلىنش ئىپادىلىرى ۋە مۇشتلىغاندا +بەلگىسىگە ئاساسلىنىپ دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

(2) لابىراتۇرىيەلىك تەكشۈرۈش:

1) سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سۈيدۈك دۇغ ھالەتتە يىرىك باكتېرىيە ئۆستۈرگەندە+چىقىدۇ. قان تەكشۈرگەندە WBC نىتىروخىل دانچە نىڭ نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ ئاققان ھۈجەيرىسى  خاراكتېرلىك سىلىندىر ،قانلىق سۈيدۈك كۆرىلىدۇ. ئاقسىل بولمايدۇ ياكى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.

2) ئۈچ ئستاكانلىق سۈيدۈك تەكشۈرۈش تەجرىبىسى: ئەتىگەنلىك سۈيدۈكنىڭ 3 نوختىسىنى  ئىستاكانغا ئىلىپ ئايرىم ئايرىم تەكشۈرەيمىز.

(3) ئېكىس نۇرىدا تەكشۈرۈش.

(4) بىچاۋ ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش.

سېلىشتۇرما دىياگنوز: مەزكۇر كېسەلگە دىياگنوز قۇيۇش ئانچە قىيىن ئەمەس، بۇ كېسەلدە كۆرۈلىدىغان بەل، قۇرساق ئاغرىشنى ئۆت ياللۇغى، سازاڭ ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بۆرەك  خالتىسىنىڭ ئىششىقى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر، بۇ كېسەلگە دىياگنوز قۇيۇشتا بولۇپمۇ ئاياللاردا قىزىش، بەل ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلسە كېسەللىك ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

ئاساسلىق پەرقلەندۈرۈشتە:

(1) بۆرەك سىلىدىن پەرقلەندۈرۈش رولى : سىلنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ بۆرەك  ئۇيۇل ماددىسى بۇزۇلىدۇ. بەزىلىرى نىكروزلىنىدۇ بۆرەك  جامى ۋە بۆرەك  چاچكىسنڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ. سىل جاراسى %90 مۇسىپى چىقىدۇ سۈيدۈكتە.

(2) بۆرەك  ياللۇغى: بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغىدا ئاقسىللىق سۈيدۈك كۆرۈلمەيدۇ ياكى 2 گىرامدىن  دىن ئاشمايدۇ بۆرەك  ياللۇغىدا  3 گىرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى ئانچە روشەن بولمايدۇ.

(3) ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغىدىن : ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغىدىمۇ قىزىش ئالامەتلىرىدىن باشقا بەل ۋە ئارىلىق قىسىمى قاتتىق ئاغرىشدىن باشقا دوۋسۇن غىدىقلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئاققان دانچىسى مۇسبەت چىقىدۇ، بەزىدە يىرىڭ كۆرۈلىدۇ. جىنسى ئاجىزلىق ئىپادىلىرى ۋە مەزى بىرى سۇيۇقلۇقىدىكى نەتىجىلەرگە ئاساسلىنىپ بېكىتىمىز.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

(1) قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش، تازىلىققا رىئايە قىلىش.

(2) ئارام ئالدۇرۇش، سۈيدۈك راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

(3) ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەش، تەرتىپكە سېلىش، تۇز تەركىبى تۆۋەن تاماقلارنى بېرىش.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى