ساغلاملىق

دوۋساق ياللۇغى

تۇنۇش: ھەر خىل سەۋەپلەردىن دوۋساق  توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپۈيۈش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق  ئالامەتلەر  بىلەن  ئىپادىلىنىدىغان   شەكىل  بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك كېسەللىك.

دوۋساق ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئىلتىھابى مەسانە دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

1. ياللۇغلانغان قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. تۇخۇم سېرىغى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3 .زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.                      

6. دوۋساق تاش كېسەللىگى، سۈيدۈك يول ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق    كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كېلىنكىلىق ئىپادىسى: سۈيدۈك قىستايدۇ، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ياكى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، يۇقۇرى   قىزىتما بولىدۇ، سىيىش قىيىنلىشىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ ياكى سۈيدۈك تۇتىلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

دىئاگىنوز ئاساسى

1.  تىپىك كېلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش:

(1) قان تەكشۈرۈش: ئاققان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپۈيىدۇ

(2) سۈيدۈك تەكشۈرۈش : سۈيدۈكتە ئاققان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىلقان ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ. 

سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:

1. سۈيدۈك يولى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ.

2. مەزى بېزى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى