ساغلاملىق

سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش

سۈيدۈك يوللىرى (بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دەۋساق، سۈيدۈك يولى )قاتارلىقلارغا تاش بولۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىچكى بەزلەر خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىش: يەنى قالقانبەز يانبېزى خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەندە  قان تەركىبىدە كالتىسى  ماددىسى بەك كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈكتىكى كالتىسىي ماددىسى كۆپلەپ چىقىدۇ دە –تاش شەككىلىنىدۇ.

ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى: يېمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەركىبى پاكىزە بولماسلىق (سۇ تەركىبىدە ئاھاك ۋە باشقا ئىرىگەن غەيرى تەركىبنىڭ كۆپ بولۇشى

يۇقۇملىنىشلار: سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىن جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ياللۇغلاندۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجراتمىلار بەدەن ھارارىتىدە قۇرۇپ كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.

سۇددە (توسۇلۇش) سەۋەبىدىن : سۈيدۈك چىقىرىش سۇددىلەر .

مەسىلەن: سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ئەگىرلىكى غەيرى شەكىلدە بۇلىشى. مەزىبېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار .

تىپىك ئىپادىلىرى : بەل ئاغرىش، قۇسۇش، ئۇمۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۈرۈلىدۇ.

داۋالاش: بەدەن ئۆتكۈر بولمىغان سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تاش ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلاش لازىم. ناۋادا قەۋزىيەتلىك ئەھۋال كۆرۈلسە تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى