ساغلاملىق

تالدا قان جۇغلىشىش

مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بەدەن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپ، ئۇزاق مۇددەت چۈشمىگەنلىكتىن قىزىل قان تومۇرى (شىريان تومۇر) دا قان جۇغلىشىپ، جىگەر دارۋازىسىدىكى كۆك قان تومۇرىنى بېسىپ قويىدۇ-دە، كۆك قان تومۇرىدا قان جۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزگەك كېسىلىنىڭ زەھەرلىرى تال ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرگەنلىكتىن قان قويۇلىدۇ. تالغا زەربە يېتىش، ئاياللاردىكى ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلگە سەۋەپ بولىدۇ. 

ئالامىتى: تەكشۈرۈشتە تال ئۆز ھەجىمىدىن بىر ئاز يوغىنىغانلىقى بىلىنىدۇ ۋە قاتىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ. بەدەننىڭ رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ. كىچىككىنە سەۋەبلەردىنلا قان چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ياكى تالدا يىرىڭلىق جاراھەت پەيدا بولىدۇ.

داۋاسى: بۇ كېسەلنى داۋالاشتا جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنى داۋالاشتا قوللانغان بارلىق چارىلەرنى قوللانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇجەررەپ نۇسخىسىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. تۇرۇپ سۈيىدىن بىر گىرام ئېلىپ ، 24 گىرام سىركەنجىېىل بۇزۇرى بىللە ئىچىلىدۇ .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى