ساغلاملىق

پالەچ

پالەچ

تۇنۇش: مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ھەركەت ۋە سىزىمنىڭ پۇتۇنلەي يۇقۇلىشى ياكى نىسبي يۇقۇلىشى، ياكى مەلۇم توسقۇنلىققا ئۇچۇرشىنى كۆرسىتىدۇ. .

پالەچنىڭ تۇرلىرى: پالەچ بولغان ئۇرۇننىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن بەش تۇرلۇك بولىدۇ .

1) كەسمە پالەچ: بەدەننىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىنىڭ ھېس ھەركىتىنىڭ يوقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

2) يىرىم پالەچ: بەلنىڭ ئاستى ياكى ئۇستى قسمىنىڭ ھېس- ھەركىتىنىڭ يۇقۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3) ئەتىراپ نېرۋا پالىچى ياكى تىترەشلىك پالەچ: بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا بارىدىغان نىرىپلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەركىتى ۋە سىزىمى تۇلۇق بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4) لەقۋا: يۇز مۇسكۇللىرىدىكى ھېس-ھەركەت سىزىمىنىڭ يۇقۇلىشى بىلەن يۇز مۇسكۇللىرىدا بۇشاپ كېتىش بولۇپ ئاندىن ئىغىزىدا مايماقلىشىش ئالامەتلىرى بۇلۇش بىلەن ئىېادىلنىدىغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ .

5) بالىلار پالىچى: بالىلاردا بولىدىغان پالەچنى كۆرسىتىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى:

1) بەلغەم خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئارتىپ كىتىشىدىن بولىدۇ.

2)  بەلغەم خىلىتنىڭ قان خىلىتغا ئارلىشىشىدىن يەنى بەلغىمى شىرىندىن بۇلىدۇ.

3) قان خىلىتنىڭ تەبىئي مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشى ياكى قان خىلىتنىڭ ھەر خىل جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى، چىرشىدىن كىلپ چىقىدۇ.

4) غەيرى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چقىدۇ.

5)  ئىستىپراغنىڭ بەك كۆپ بولۇشى (يەنى كۆپ ئىچى سۇرۇش، كۆپ تەرلەش، كۆپ قەي قىلىش، كۆپ قاناش ) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6) داۋالاش جەريانىدىكى نا توغرا مەشغۇلاتلارسەۋەبىدىن كىلپ چىقىدۇ.

7) ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش قاتارلىق سىرتقى زەخمە ۋە قىيىن تۇغۇت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8) ھەرخىل روھىي ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ پالەچلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى: بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسملىرىدا جىددىى ياكى ئاستا پەيدا بۇلىدىغان ھېس-ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولۇپ، يۇقارقى بەش خىل تۇردىكى پالەچنىڭ بىرەرسى ياكى بىر ئىككى خىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە يەڭگىل بەزىدە شۇ چاغدا بىراقلا باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مىزاج، خىلىتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر قۇشۇلۇپ كىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى