ساغلاملىق

خامۇشلۇق كېسىلى

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: چۈشكۈن بولۇش، بۇ ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇ-ھەسرەتتە قېلىش، ھەسرەت چېكىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشى ئاجىزلاش، ھەتتا يوقىلىش، ئىستىقبالىدىن گۇمانلىنىپ ئۈمىدسىزلىنىش، ئۆز-ئۆزىگە بېرىدىغان باھاسى تۆۋەنلەش، ماختاش، تەقدىرلەشلەردىن بەھىر ئالماسلىق؛ دائىم خاپىلىق ياكى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەش؛ روھىي جەھەتتە ھارغىنلىق ھېس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسىزلىق، دىققىتىنى مەركەشلەشتۈرەلمەسلىك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، خىزمەت، ئۆگىنىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرالماسلىق؛ تەشەببۇسكار ھالدا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق، ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىپلا يۈرۈش، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشى بولۇش قاتارلىقلار.

خامۇشلۇق كېسىلى مېڭىنىڭ كەيپىياتنى باشقۇرىدىغان رايوننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن، ئادەتتىكى ئادەملەر كەيپىيات جىددىيلېكىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، لېكىن ئەگەر چەكتىن ئېشىپ كەتسە، خامۇشلۇق كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن، خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدە كەم-كۈتىسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك، ھېستېرىيە قاتارلىقلار بولۇش ياكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، مەسىلەن، زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىش، يەنى ئىشسىز قېلىش، نىكاھتىن ئاجرىشىش، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئالەمدىن ئۆتۈش قاتارلىقلار؛ يەنە، ئەگەر قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار ياكى ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خامۇشلۇق كېسىلى يەنە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، ھاراقكەشلىك، ھەيز كېسىلىش دەۋرى يىغىندى ئالامىتى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشى مۇمكىن. 

خامۇشلۇق كېسىلى روھىي كېسەللىكك تەۋە، شۇنىڭ ئۈچۈن روھىي بېسىمنى ئازايتىش ئۇنى ياخشىلاشتىكى ناھايىتى ئوبدان چارە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە خەت-چەك يېزىش، ناخشا ئېيتىش، مۇڭدىشىش قاتارلىقلار خامۇشلۇقنى پەسەيتىشنىڭ چارىسى بولالايدۇ، يەنە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بولۇش ھەمدە ھەردائىم خۇشال روھىي كەيپىياتنى ساقلاش، كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، شۇنداقلا كەسپىي داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، ئۇخلاتقۇچى دورىلار، تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مېڭىدىكى نېرۋا خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ياخشىلاش، ياكى كەسپىي پسىخىكىلىق داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا: يوپۇرماق كىسلاتاسى.بۇ مېڭىدىكى سېروتونىننى ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ۋىتامىن B1: نېرۋا توقۇلمىلىرى، مۇسكۇل، روھىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى ساقلايدۇ، روھىي ھالەتنى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، چارچاشنى تۈگىتىدۇ. 

ۋىتامىن B6: ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خامۇشلۇق ۋە تىت-تىت بولۇشنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. 

ۋىتامىن B12: نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئىچى تىتىلداشنى تۈگىتىدۇ، ۋىگىتاتىپ نېرۋا فۇنكىسىيىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى تەڭشەيدۇ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قوزغىلىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە چارچاشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. 

ئۆسۈملۈك ئىشقارى (ئالكالوئىد): روھنى جانلاندۇرىدۇ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ.

ۋىتامىن C: بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى بەدەننىڭ دوپامىن، نورئادرېنالىن قاتارلىق «شادلىق فاكتورى» لىرىنى ھاسىل قىلىشىدىكى مۇھىم تەركىبتۇر. 

ماگنىي: كالتسىي بىلەن بىللە ئىشلىتىلسە، تەبىئىي تىنچلاندۇرۇش دورىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، خامۇشلۇق كېسىلىگە قارشى تۇرۇشقا ھەمكارلىشىدۇ.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

تەركىبىدە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر: ئېچىتقۇ، پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، يەرياڭىقى، ياڭاق، بانان، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، سۈت، جىگەر، كالا گۆشى، تۇخۇم قاتارلىقلار. 

چاي تەركىبىدە مول يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12 قاتارلىقلار بار، شۇڭا دائىم چاي دەملەپ ئىچىپ بېرىش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى