ساغلاملىق

ئەتىياز پەسلىدە كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىڭ

1. بەدەن زەئىپلىشىش. كۆپ ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ رىتىمى ۋە ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، ئازراقلار ھەرىكەت قىلسا يۈرەك سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، بەدەن زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. نەپەس يولى كېسەللىكى. سەھەردە ئۆينىڭ ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان مەزگىل بولۇپ، دېرىزىنىمۇ ئېچىۋەتكەندىمۇ قىسمەن باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلار ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ خىل شارائىتتا ئۇزاق ئۇخلىغاندا، نەپەس يولى يۇقىملىنىش، يۆتىلىش، گېلى ئاغرىش ۋە زۇكام قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

3. پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش. نورمال ئۇخلىغان كىشىلەرنىڭ قان ئايلىنىش ياخشى بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەزىم قىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن كۆپ ئۇخلايدىغان كىشىلەر ھەرىكەت قىلىدىغان پەيتنى كەتكۈزۈپ قويغاچقا، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ ئۇخلايدىغانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋاقتىدا غىزالانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ھەرىكىتى قالايمىقالىشىپ، ھەزىم قىلش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5. نېرۋا سېستىمىسى توسالغۇغا ئۇچراش. كۆپ ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي نېرۋا سېستىمىسى ئۇزاق مەزگىل ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئىنكاس ئاستىلاپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى