ساغلاملىق

باش ئاغرىش

باش ئاغرىش – ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان باشنىڭ چوققا قىسمىدىن تارتىپ، گەجگە سۆڭىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغىچە بولغان دائىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاغرىشلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ باش ئاغرىش دېيىلىدۇ. باش ئاغرىش بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ كەلسە، يەنە بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ بېشارەتچى ئالامىتى بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭا باش ئاغرىشقا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. باش ئاغرىش ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا قارىغاندا ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا، نامرات رايونلارغا قارىغاندا تەرەققىي تاپقان رايونلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

تۈرلىرى

باش ئاغرىشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاغرىش ئورنى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، شېرىكىي باش ئاغرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى

خىلىت تەسىرىدىن كېلىپ چىقماستىن، بەلكى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق قاتارلىق خىلىتسىز كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ئاغرىقى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى دېيىلىدۇ.

ئۇ، خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش، خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش، خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقتىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل (توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىشنى ماددىسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش دەيمىز.

سەۋەبى: 1) ئەمەلىي ئىسسىقلىق (بىلپىل ئىسسىقلىق) قا يولۇقۇش، ئاپتاپتا ئۇخلاش، تومۇز ئىسسىقتا تۇرۇپ قېلىش، ئىشلەش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، داۋاملىق ئوتنىڭ يېنىدا ئىشلەش قاتارلىق (خۇمدانچى، تۆمۈرچى، ئاشپەز، ناۋاي…) سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش،  مەسىلەن: قەلەمپۇر، قارىمۇچ، خولىنجان، زەپەر، پىلپىل…تەركىبلىك دورىلار، چاي دورىسى ۋە رەيھان شەربىتى، مۇسەللەس قاتارلىقلارنى كۆپ ئىچىش، ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇز قەھرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، خورما، ياڭاق مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم، دورىلىق كاۋاپ، ئات گۆشىنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.

3) روھىي جىددىيلىك ۋە ئېغىر ئەمگەك قىلىش، كۆپ چارچاش، غەم-قايغۇ، زىيادە ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلار قان ئايلىنىشنى زىيادە تېزلەشتۈرۈپ، قان تومۇر ۋە مۇسكۇللاردا جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن نېرۋىلار غىدىقلىنىپ، باش ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.

4) تەنقىيە-ئىستىفراغنىڭ نورمال بولماسلىقى، تەر، چوڭ تەرەت، ھەيزنىڭ نورمال كەلمەسلىكى قاتارلىقلاردىن باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

5) بىر قىسىم ئوفۇنەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

1. بۇ خىل باش ئاغرىشتا ئىككى چېكىنى مەركەز قىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ، باش ساھەسى قىزىق بىلىنىدۇ. ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقى يۇقىرى بولىدۇ، سوغۇقتىن راھەتلىنىدۇ، بىمارنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇسلىشىپ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. تومۇرىنى تۇتقاندا تومۇرى تېز، ھارارەتلىك سوقىدۇ، ئىسسىقلىققا يولۇقۇش تارىخى بولىدۇ.

2. خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلاغا تەسىر قىلىشدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى دەيمىز.

سەۋەبى:

1) ئەمەلىي سوغۇقلۇققا يولۇقۇش، يەنى سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، توڭلاش، قار-يامغۇردا قېلىش، سوغۇق، زەيكەش جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ياشاش، سۇ ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

2) سوغۇق ياكى ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن: قېتىق، دوغاپ، سوغۇق گازلى سۇ، راڭپىزا، لەڭپۇڭ، لىمون، ئەينۇلا، تەرخەمەك، ئوسۇڭ، يۇمغاقسۈت، قىزىلگۈل، كافۇر، سىركە، سەندەل، غوراپ، چوكا ۇز قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش.

3) كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، ھورۇنلۇق قاتارلىقلار باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيادە ئۇيقۇ، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى بەدەندە ئىمتىلاھ، سۇسلۇقنى پەيدا قىلىپ ھۆللۈكنى كۆپەيتىدۇ.

ئالامىتى:

باش ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن سوغۇق ھەم بوش بولۇپ، ئۇنتۇغاقلىق ئېغىر بولىدۇ. ئۇيقۇسى كۆپىيىپ ھورۇنلىشىدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولمايدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى بوش ھەم ئاستا سالىدۇ، سوغۇققا ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

3. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ھۆل ئىسسق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش  قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرقى ماددىسىز ھۆللۈكتىن بولغان باش ئاغرىش دېيىلىدۇ.

سەۋەبى:

1) ئەمەلىي ھۆللۈككە يولۇقۇش: ھۆللۈك، سازلىق، ھۆل-يېغىن كۆپ جايلاردا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) تەسىرى ھۆللۈك: ھۆل مىزاجلىق دورا-دەرمەك، يەل-يېمىش، غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

3) ھەرىكەتنىڭ ئازلىقى، جىملىق، ھۇرۇنلۇق، جىسمانىي ھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازلىقى، بوشاڭلىق سەۋەبىدىن بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كېتىپ باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

4) يېمەك-ئىچمەكنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكى، دائىم تويۇنۇپ تاماق يېيىش، سۇيۇقلۇقى ۋە مېۋە سۇلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار.

ئالامىتى:

1) باش ساھەسى ئېسېلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن ھۆل ھەم بوش بولۇپ، ئۇنتۇغاقلىق ئېغىر بولىدۇ. ئۇيقۇسى كۆپىيىپ ھورۇنلىشىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولمايدۇ، قۇرۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى توم ھەم ئاستا سالىدۇ، ھۆللۈككە ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2) خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: قۇرۇقلۇق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە، جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش ماددىسىز قۇرۇقلۇقتىن بولغان باش ئاغرىش دېيىلىدۇ.

سەۋەبى:

1) ئەمەلىي قۇرۇقلۇققا يولۇقۇش: قۇرغاق ھاۋا، قۇملۇق، تاغلىق، چۆللۈك جايلارا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) تەسىرى قۇرۇقلۇق: قۇرۇق مىزاجلىق دورا-دەرمەك، غىزالارنى كۆپ ئىستېمل قىلىشتىن كېلىپچىقىدۇ.

3) ھەرىكەتنىڭ كۆپلۈكى، ئۇيقۇسىزلىق، جىسمانىي ھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ زىيادىلىكى سەۋەبىدىن بەدەندە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كېتىپ باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

باش ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن قۇرۇق ھەم چىڭ بولىدۇ. تېرىلەر يىرىك، قۇرغاق بولىدۇ، ئۇيقۇسى ئاز، ئاسان جىددىيلىشىدىغان، تېرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھۆل غىزالار ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز سالىدۇ، قۇرۇقلۇققا ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

يۇقىرىدا ماددىسىز يالغۇز كەيپىياتتىن بولغان باش ئاغرىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، ماددىسىز مۇرەككەپ كەيپىياتتىن بولغان باش ئاغرىش ئاساسەن يەككە كەيپىياتلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئالامەتلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ماددىسىز مۇرەككە كەيپياتتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش توغرىسىدا ئايرىم توختالمايمىز.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى