ساغلاملىق

قان قۇسۇش قانداق كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ

قان قۇسۇش قانداق كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ.

يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرى قىزىلئۆڭگچ، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي ۋە ئۆت يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى چوڭ قاناشتا كۆپ مىقداردا قان قۇسۇش ياكى قان تەرە (چوڭ تەرەت) كېلىشتەك كلىنىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىر قېتىملىق قاناش مىقدارى 800 مىللى دىن ئارتۇق بولغان شوك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى چوڭ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بەش خىل بولىدۇ:

1) ئاشقازان ـــ 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، بۇ كېسەللىك يۇقىرى ھەزىم قىلىش يللىرىدىكى چوڭ قاناشنىڭ 50~60 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چوڭ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يارىنىڭ كۆپىنچىسى ئاستا خاراكتېرلىك يارا بولۇپ، ئادەتتە 12 بارماق ئۈچەي شارچە قىسمىنىڭ ئارقا تېمى ياكى ئاشازان كىچىك ئەگمىسى تەرەپتە بولىدۇ. چۈنكى يارا ئاستىدىكى ئارتېرىيە يېرىلغاچقا، يارا ئېغىزىنىڭ قىسقىرىش (ئېتىلىش) ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ-دە، قاناش كۆپىنچە ھاللاردا ئاسان توختىمايدۇ.

2) قاپقا ۋېنا يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى. بۇ كېسەللىك يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى چوڭ قاناشنىڭ پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كۆپىنچە جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان تۈۋىدىكى شىللىق پەردىلەرنىڭ ۋېنالىرى ئەگرىلىشىشتىن نېپىزلەپ كەتكەچكە، ئاسانلا يىرىك (قاتتىق) يېمەكلىكلەر تەرىپىدىن زەخىملىنىپ، ئاسان توختاتقىلى بولمايدىغان يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى چوڭ قاناش كېلىپ چىقىدۇ. 

3) جىگەر ئىچىدىكى چەكلىك ياللۇغلىنىش، جىگەر ئۆسمىسى ۋە جىگەر سىرتقى زەخىملىنىشى. جىگەر ئىچىدە چەكلىك ياللۇغلىنىش پەيدا بولغان بولسا، جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچىلىرىنى چوڭايتىۋېتىش بىلەن بىرگە يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىرىڭلىق ئىششىق بىۋاسىتە قىل قان تومۇر ياكى جىگەر ئارتېرىيىلىرىنىڭ شاخچىلىرىغا بېسىپ كىرىش نەتىجىسىدە كۆپ مىقداردىكى قان ئۆت يولىغا، ئاندىن 12 بارماق ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن قان قۇسۇش كېلىپ چىقىدۇ. جىگەر راكى، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ھەمدە سىرتقى زەخىملىنىش قاتارلىقلار جىگەر ئۇيۇل ماددىسى مەركىزىدىكى قانلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن جىگەر ئىچىدىكى ئۆت يوللىرىدا چوڭ قاناشنى پەيدا قىلىدۇ.

4) قاناش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى. تېيىز، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كۆپلىگەن ئاشقازان شىللىق پەردە شەلۋەرەش ( يېنىك دەرىجىدىكى يارا) كۆپىنچە ئاشقازان كاۋىكى قىسمىدا پەيدا بولىدۇ. ئېغىرلاشقاندىن كېيىن چوڭ قاناش كېلىپ چىقىدۇ.

5) ئاشقازان راكى. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىگلەپ سېسىشى بىلەن ئاشقازان دىۋارىدا ( راك بار ئورۇندا) شەلۋەرەش ياكى يارا ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، قان تومۇرلارغا بېسىپ كىرىپ، چوڭ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، قان قۇسۇش بىلەن قان تۈكۈرۈشنى ياخشى پەرق ئېتىش لازىم. قان تۈكۈرۈش بولسا بۇغۇز (كېكىردەك) نىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى نەپەس يوللىرىنىڭ قانىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۆتىلىش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىن سىرتقا چىقىدۇ. قان تۈكۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر:

(1) كانايچە كېسەللىكى، كانايچىلار كېڭىيىش، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، كانايچە ئىچكى پەردىسى سىلى، كانايچە ئۆپكە سىلى قاتارلىقلار.

(2) ئۆپكە كېسەللىكى، ئۆپكە سىلى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار.

(3) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، رېماتىزىملىق ئىككى كلاپان تارىيىش كېسەللىكى.

(4) پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، قان كېسىلى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلار.

مەيلى يۇقىرىقىدەك چوڭ قاناش ياكى قان تۈكۈرۈشنىڭ قايسىسى بولمىسۇن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ئارقىلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى