ساغلاملىق

قىل-قان تومۇر ۋە ساغلاملىق

ئايلىنىش سىستىمىسىدا ئارتىرىيە، ۋىنا، قىل قان تومۇردىن ئىبارەت ئۇچ خىل تومۇر بولىدۇ. قىل -قان تومۇربولسا ئەڭ كىچىك ئارتىرىيە بىلەن ئەڭ كىىچىك ۋىنانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تومۇر. تومۇر دىۋارى تاق قەەتلىك   ئىپتىلىيە ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن، ئىنتايىن نىپىز، قاننىڭ ئىقىشى ئىنتايىن ئاستا بولغاچقا، قان بىلەن ھۈجەيرە ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىشقا پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك  بولۇپ. پۈتۈن بەدەندە تورسىمان  ھالەتنى شەكىللەندۇرگەن .

قىل -قان تومۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى:

1. ئۇزۇن: بىر نۇرمال ئادەمنىڭ مىكرو  ئارتىرىيە يەنى ئەك كىچىك  ئارتىرىيەسى بىلەن  ئەڭ كىىچىك ۋىناسىنى قوشۇپ ئۇنى تۇزلىسە، يەر شارىنى ئىككى ئايلىنىشقا يىتىدۇ. بەدەندىكى قىل-قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،  تەخمىنەن 300 مىليون ئەتراپىدا. ئۇ بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ئارىىىسدا ئەگرى-بۈگرى  كىرىشىپ  ئورۇنلاشقان. بەدەندىكى (600000000000-1000000000000)  دانە ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمشىشغا پايدىلىق .

2. ئىنىچىكە: مىىكرو  ئارتىرىيە بىلەن مىكرو ۋىنانىڭ  دىئامىتىرى ئىنتايىن كىىچىك بولۇپ. چاچ قىلىنىڭ 20 دەن بىرىگە توغرا كىلىدۇ. ئەڭ ئىنىچىكە قىل-قان تومۇر پەقەت  2-1 گىچە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئۆتەلەيدۇ.

3. نىپىز: قىل – قان تومۇرنىڭ دىۋارى ناھايىتى نىپىز بولۇپ، بىر  ۋاراق قەغەزنىڭ 100 دەن بىرىچىلىك. بۇ ھالەت  توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ پايدىلىق. ئەگەردە تومۇر دىۋارى قىلىنلاپ كەتكەندە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالمىشىشىقا تەسىر يىتىدۇ.

4. ئاستا: مىىكرو  ئارتىرىيە بىلەن مىكرو ۋىنادىكى قاننىڭ ئىقىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئىقىش سۈرئىتى ھەر مىنۇتىغا 4.0 مىللىلىتىر. قاننىڭ يىپىشقاقلىقى ئۆرلىگەندە، قاننىڭ ئىقىش سۈرئىتى تىخىمۇ ئاستىلاپ، قاندىكى ماي ماددىسى ئاسانلا تومۇر دىۋارىغا ئولتۇرۇشۇپ، قان نوكچىسى ۋە تومۇر توسۇلىشنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.

قىل-قان تومۇرنىڭ رولى

1. قىل قان تومۇر-  ماددا ئالمىشىش (مۇھىتى) سورونى بولۇپ، ئوكسىگىن، ھورمون، سۇ  ۋە قاندىكى ھەر خىل ماددىلار يەنى ئوزۇقلۇق ماددىلار  قىل قان تومۇر ئارقىلىق توقۇلما ئارلىقلىرىغا بارىدۇ،.

2. قىل قان  تومۇر – زور  مىقداردىكى قان ساقلاش  ئىقتىدارىغا ئىگە. قىل قان تومۇر توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئاقىۋىتى قىل قان تومۇر توسالغۇغا ئۇچراش بولسا قىل قان تومۇرنىڭ  شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى بولۇپ، قان ئىقىمىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان  فونكسيىلىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت. ئەگەر قىل قان تومۇرنىڭ شەكلى ئۆزگەرسە، تومۇر توسۇلۇش ھەمدە شۇنىڭدىن كېلىپ  ئورگانىزىم توقولما، ھۈجەيرىلىرىدە قان كەملىك، ھۈجەيرە نىكروزلىنىش، كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۇز بىرىدۇ .

ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەتتىكى ئاساسى  دەل – مىتالىبوزىم بىلەن  مىكرو ۋىنا ئوتتۇرىسىدىكى  ئايلىنىشتۇر .

قىل قان تومۇرنىڭ ساغلاملىقى   –   ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى !

شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، قىل قان تومۇرنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى تۈرلۈك -تۈمەن كېسەللىكنىڭ مەنبەسى !

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

Warning: mysqli_query(): (HY000/1194): Table 'albilik_postmeta' is marked as crashed and should be repaired in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-includes/wp-db.php on line 2056

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى