ساغلاملىق

مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ بېشارەتلىرى

1. ئادەمنى كەيىپسىزلەندۈرىدىغان باش، كۆز تېگى ئاغرىشلار تەكرار قوزغىلىدۇ.

2. بويۇن قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەمدە بويۇن بىلەن مۈرە قىسمىنىڭ سىرقىراش ئالامەتلىرى تەكرار كۆرۈلىدۇ.

3. قول-پۇتلار بىر مەزگىل قولىشىپ قالىدۇ.

4. بىر مەزگىل كۆز غەيرىيلىشىدۇ (كۆرۈش دائىرىسى تارىيىدۇ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ، نەرسىلەرنى قوش كۆرىدۇ ۋە باشقىلار) 

5. بىر مەزگىل سۆزلىيەلمەيدۇ (ئاۋاز چىقىرالمايدۇ ۋە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالمايدۇ)

6. كۆزى تورلىشىپ، قۇلىقى غۇڭۇلداپ بېشى چىڭقىلىپ، تىلى كالۋالىشىدۇ.

7. تۈز ماڭالماي قەدەملىرى ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ئوڭ-سولغا كېتىپ قالىدۇ.

8.  بارماقلىرى ئىختىيارسىز تىتىرەپ تۇرىدۇ.

9. خەت ئوقۇماقچى بولسا، خەتلەر يۇقىرى-تۆۋەن سەكرەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

10. سىزىقنى تۈز سىزالمايدۇ.

11. چوكا تۇتالمايدۇ، ھەتتا يېمەكلىكلەرنى قىسىپ ئاغزىغا سالالمايدۇ.

12. يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈش ئادىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

13. دائىم پەرىشان بولىدۇ.

14. تارتىشىپ قالىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى