ساغلاملىق

قاندىكى ماينى يوقىتىشتىكى ئۈچ گۆھەر

باش پىياز : يۇقىرى قان بېسىمى بارلارنىڭ تېنىدىكى تالا ئاقسىلىنى ئېرىتكۈچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار . باش پىيازنى خام يېسە ، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ ، قورۇغاندىمۇ بەك ئۇزاق قورۇۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر پارغا ئېيلىنىپ كېتىدۇ .

ماش ئۈندۈرمىسى : ماشتا ئاساسىي جەھەتتىن ۋىتامىن سى تەركىبى بولمايدۇ . لېكىن  ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن سى نىڭ مىقدارى 63 مىللىگىرامغا يېتىپ ، خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ماش ئۈندۈرمىسىنىڭ يېمەكلىك تالاسى بەدەندىكى خولېستېرىننى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ . ماش ئۈندۈرمىسىنى قورۇپ يېيىشكە بولىدۇ . لېكىن ياغ بىلەن تۇزنى كۆپ قويۇشقا بولمايدۇ ، قورۇغاندا ئازراق زەنجىۋىل ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتكەندە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . 

ئالما : ‹‹يېمەكلىك ئارىسىدىكى ئومۇمىي پەن دوختۇرى››دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ يەنە بەدەندىكى ‹‹ئەسكى خولېستېرىن››سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، شۇنداقلا تالا ئېلېمىنتىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ، شۇڭا مەيلى ياشانغانلار ۋە بالىلار بولسۇن ، كۈندە ئالما يېيىشنى تەۋىسيە قىلىمىز .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى