ساغلاملىق

سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى

سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى

بۇ يۇقۇملىنىش ياكى غەيرىي يۇقۇملىنىش ئامىلى پەيدا قىلغان كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىسى، ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

كېسەلنىڭ پاتالوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: كانايچە بېزى يوغىناش، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىشتە ئىپادىلىنىدۇ. كلىنىكىدا ئۇدا 2~3 يىل، ھەر يىلى 3 ئايدىن كۆپرەك يۆتىلىش، خەپرۈك تۈكۈرۈش ۋە دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە قىش پەسلىدە قوزغىلىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن پەسىيىدۇ. كېسەللىك تىزگىنلەنمەي داۋاملىق تەرەققىي قىلسا، توسۇلۇشچان ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كلىنىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ئاددىي تىپلىق ۋە ئاسراش تىپلىق  دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسىدا ئاساسلىقى تۆتىلىش، بەلغەم پەيدا بولۇشتىن باشقا يەنە ھاسىراش، خىرىلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك تەرەققىياتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

1. جىددىي قوزغىلىش باسقۇچى: بىر ھەپتە ئىچىدە يىرىڭلىق بەلغەم پەيدا بولسا ۋە بەلغەم كۆرۈنەرلىك كۆپەيسە، ھەمدە قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە ۋە ياكى بىر ھەپتە ئىچىدە تۆتىلىش، بەلغەم ۋە دەم سىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشسا، جىددىي خاراكتېرلىك قوزغىلىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ.

2. سوزۇلما خاراكتېرلىك باسقۇچى: يۆتىلىش، خەپرۈك، دەم سىقىلىش ئالامىتى بىر ئايغىچە سوزۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ.

3. كلىنىكىلىق ياخشىلىنىش باسقۇچى: داۋالاش ئارقىلىق ياكى ئۆزلۈكىدىن كېسەل ئالامىتى ئاساسىي جەھەتتىن يوقالسا ۋە ياكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىسە، ھەمدە بۇ ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا بۇنى كلىنىكىلىق ياخشىلىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى