ساغلاملىق

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

مەملىكىتىمىزدە مېڭە-يۈرەك قان تومۇر كېسەللېكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە. ستاتىستىكا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر سانى تەخمىنەن ئومۇمىي ئۆلگەنلەر نوپۇسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدىكەن. ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلگۈچىلەر 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۆلۈش نىسبىتى 10000/200 دىن يۇقىرى بولۇپ ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، ياپونىيە، شۋېيتسىيە، سۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتتىكېلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز ھازىر يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۆر. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم خەۋپلىك ئامىللاردىن بىرسى بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى