ساغلاملىق

يۇقىرى خولېستېرىن دېگەن نېمە؟

يۇقىرى خولېستېرىن-ھۈجەيرىنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ سىڭىش كۈچىنى توسىدۇ. بۇ خىل كۈچ سۇنى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتىغا يەتكۈزىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قويۇلغان قان سۇيۇقلۇقى يېتەرلىك مىقداردىكى سۇنى قويۇپ بېرەلمەيدۇ-دە، سۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرە نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ. خولېستېرىنبولسا بىر خىل تەبىئىي ‹‹چامما›› بولۇپ، ئۇلار ھۈجەيرە پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇ ھۈجەيرە تاملىرىدىن ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. كۆپ مىقداردىكى خولېستېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە چۆكۈشى بولسا بىر تەبىئىي جەريان. مەقسەت جانلىق ھۈجەيرىلەرنى سۇسىزلىنىش تەھدىتىدىن قوغداش، ھۈجەيرە يادروسىغا ئىگە بولغان جانلىق ھۈجەيرە، خولېستېرىن سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ھۈجەيرە يادروسى بولمىغان ھۈجەيرە، ياغ كىسلاتاسى ھۈجەيرە پەردىسى ئاندىن سۇسىزلىنىش ھەم قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدە خولېستتېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بولسا ھۈجەيرە ھاياتلىق سىستېمىسىنىڭ بىر تەشكىلىي قىسمى. خولېستېرىن كەم ياكى يوق بولسا بولمايدىغان ماددا. خولېستېرىننىڭ ئادەم تېنىدە بەك كۆپ بولۇشى تەندىكى سۇنىڭ بەك كەملېكىنى كۆرسىتىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى