ساغلاملىق

يۈرەك كېسىلى بارلار قىچا يېغىنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك

قىچا يېغىنىڭ تەركىبىدە %40 ئېروك كىسلاتاسى بار ، ئېروك كىسلاتاسى بىر خىل زەنجىرسىمان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ ، يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ . يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى ئۇزۇن مەزگىل قىچا يېغى ئىستېمال قىلغاندا ،ئېروك كىسلاتاسى ئەسلىدىنلا نورمال بولمىغان يۈرەك قان تومۇرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاسانلا ‹‹ قان تومۇر دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇش›› ، شۇنداقلا ‹‹ يۈرەك مۇسكۇلىدا ياغ توپلىشىۋېلىش›› قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىپ ، ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ .شۇڭا يۈرەك كېسىلى بارلار ، بولۇپمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجسىمان قىزىل قان تومۇرىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى يۈرەك سانجىقى كېسلى بار ئاغرىقلار ئەڭ ياخشىسى قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلغىنى تۈزۈك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى