ساغلاملىق

بالىلار ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاپ بەرگىنى ياخشى

 بالىلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ خۇددىي ھەپتە ئارىلىقىدىكى كۈنلەردىكىدەكلا سائەت 7 دە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ۋاھالەنكى ئاۋىستىرالىيە ياشلار ئۆسمۈرلەر دوختۇرلىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇنىكا نېرخوس خانىمنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، بالىلارنى ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاتقاننىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتى ئۇلارغا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشنىڭكىدىن كۆپ ئارتۇق ئىكەن.

 خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار بىردەك قېنىپ ئۇخلاشنىڭ بالىلار مېڭىسى ۋە تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە زور رولى بار، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلىشىنى پەقەتلا ھەپتە ئارىلىقىدا سەھەر تۇرۇشتىن پەيدا بولغان ئۇيقۇ كەملېكىنى تولۇقلىغانلىق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيقۇ يەنە بالىلارنىڭ ھورمۇنىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەپتە ئاخىرىدا بالدۇر تۇرىدىغان بالىلارنىڭ بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭكىدىن %50 ئارتۇق ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيقۇ كەم بولسا بالىلار تېنىدىكى ئوزۇقلىنىشنى كونترول قىلىدىغان ئورۇقلىتىش ئامىلى ۋە ئېچىرقاش ھورمۇنىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. مۇنىكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى بىر ياكى ئىككى ئەسىر ئىلگىركى كىشىلەرنىڭكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1-2 سائەتكىچە كەم ئىكەن. ياشلار – ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى چوقۇم توققۇز يېرىم سائەتتىن 10 سائەتكىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى