ساغلاملىق

بوۋىقىڭىزنى خالىغانچە ئۇپىلىماڭ

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بوۋاقلار تەرلەپ كېتىدۇ ، بۇ چاغدانۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋاقنى ئۇپىلايدۇ ، ئەمما بالىلار كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇپىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى . 

   چۈنكى ئۇپىنىڭ تەركىبىدە تالىك پاراشوكى بولۇپ ، ئەگەر مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ، تالىك پاراشوكى كېكىردەكنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە ئاجرىلىپ چىققان نەرسىلەر بىلەن قېتىشىپ ، كاناي توكچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ ، ھەتتا كاناي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك . شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۇپا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :

   ئۇپىنى بالىلاردىن يىراق تۇتۇش ، ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا ، ئاستا –ئاستا ئۇپىلاش ، توزۇتىۋەتمەسلىك كېرەك . ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش ، بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك . ئۇپىلىغاندا مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى