ساغلاملىق

كېرىلىپ بېرىش بوينى ئۆسۈشىگە پايدىلىق

كورېيە بالىلار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆسۈش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كېرىلىپ بەرسە، بەدەندىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن كۈچ قوزغىتىلىپ، بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 نورمال قىياپەت بەدەن ئېغىرلىقى پەيدا قىلغان بېسىمنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئومۇرتقا سۆڭىكى قىسىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بويى پاكار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، شۇڭا تىك ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىش، دائىم يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئۆرە تۇرغاندا پۈتكۈل ئېغىرلىقنى بىرلا پۇتقا چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بالىلار بويىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننى تولۇق سوزۇپ بېرىش، مۇسكۇللارنى بوشىتىش قاتارلىقلارمۇ بوينىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بەدەننى سوزۇپ بېرىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى دائىم كېرىلىپ بېرىش ئىكەن. شۇڭا بالىلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇشقا ئالدىرىماي، ياتقان ھالىتىدە پۇت – قول، بىلەكلىرىنى سوزۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ھەم ئۇلاردا بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە، بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى