ساغلاملىق

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

بالىنىڭ ئانا تېنىدىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر تۇغۇلۇپ ئۈچ-تۆت ئاي بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن خورايدۇ، شۇڭا، چوقۇم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامداش كېرەك. بولمىسا، چوقۇم يىنىك دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقتا ۋىتامىن D قاتارلىقلار كەمچىل بولۇش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا ئېھتىياجىلىق بولغاندىلا ئەمەس، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن D نى تولۇقلاش ئاساسىدا ھاۋارايى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ئۆيدە دېرىزىلەرنى ۋە تېرىنى يېپىۋالىدىغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ئېچىۋېتىپ، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بېرىپ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوشقاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ بالىلارغا كەلتۈرگەن پايدىسى ياخشى بولىدۇ. ئاۋۋال، بالىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئاقسىل ۋە ئىسىقلىقنى تولۇقلاپ، بالىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى