ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇش ئەھۋالى

تۇنۇش: يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نەپەس ئالالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بەلگۈسى بولۇپ تۇغۇلۇش ۋاقتىدا كۈرىلىدۇ. تۇنجۇقۇش يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۈلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

سەۋەبى: تۇنقۇقۇپ قېلىش كۈپۈنچە تۇغۇت جەريانىدا پەيدا بۇلىدۇ. تۇنجۇقۇپ قېلىش ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋردىكى قان يۇقۇتۇش ئېغىر  قان ئازلىق، ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش يۈرەك كىسىلى، ئۆپكە سىلى قاتارلىقلا ربىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ تىنى ئاجىزلىشىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ھامىلنىڭ ھەركىتى تەسىرگە ئۇچرىغانلىق سەۋەپ بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قورساقتىكى ھامىلنىڭ ناتوغرا ئۇرۇنلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سۇزۇلۇپ كىتىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىپ قېلىشى، كىندىكنىڭ بالا بوينىغا يۆگىلىپ قېلىشى ئاياللار تۇغۇت ۋاقتىدا ئاجىزلىشىپ قېلىپ تولغاققا كۈچىيالماسلىقى، بالىنىڭ ساغرىسى بىلەن كېلىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلۇش ۋاقتىدا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇنجۇقۇپ قالىدۇ.

ئالامىتى: تۇغۇلماي تۇرۇپ تۇنجۇققان بالىنىڭ يۈرىكى دەسلەپتە بەك تىز سېلىپ، كېيىن تەدرىجى ئاستىلاپ توختاپ قالىدۇ. تۇنجۇقۇش يىنىك تۇنجۇقۇش ۋە ئېغىر تۇنجۇقۇش دەپ 2خىل بۇلىدۇ.

1- يىنىك تۇنجۇقۇش: بالىنىڭ تىرىسى كۈكىرىپ قالىدۇ. نەپسى ئاجىزلايدۇ. يۈرەك تاۋۇشى ۋە سۇقىشى سۇس ئاڭلىنىدۇ.

2- ئېغىر تۇنجۇقۇش: بالىنىڭ تىرىسى تاتىرىپ پۇت، قوللىرى، مۇزلاپ، بەدەن ۋە ئىڭەك گۆشلىرى سالپىيىپ بۇشۇشۇپ قالىدۇ. نەپسى بىلىنمەيدۇ. يۈرەك ھەركىتى بارغانسىرى ئاجىزلاپ ئاخىردا يۇقاپ كېتىدۇ.

داۋالاش: 

تۇنجۇققان بالىنى تىز قۇتقۇزۇش چارىلىرى بىلەن قۇتقۇزۇش لازىم. شۇڭا تۇنجۇققان بالىنى قۇتقۇزۇشتا ئاۋال نەپەس يوللىرىدكى شىلىمشىق ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىپ سۈنئى نەپەس ئالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇتقۇزىلىدۇ. 

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يىغلىمىسا ۋە يۇقىردا ئېيتىلغاندەك تۇنجۇقۇش ئالامەتلىرى بولسا، ئالدى بىلەن بالىنىڭ پۇتىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ ئاغزىغا توپلۇشۇپ قالغان نەرسىلەرنىڭ چىقىرىلىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن بېشىنى تۆۋەن قىلىش لازىم. ئاندىن كېيىن تىزلىكتە ئېغىز ئىچىنى تازىلاپ بالىنىڭ ئاغزىغا بىرقەۋەت داكا قۇيۇپ تۇغۇت ئانىسى ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا ئۇدۇل قىلىپ پۈلەش ئۇسۇلى بىلەن نەپەس ئالدۇرسا بۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە تىۋىپ بىرقول بىلەن بۇۋاقنىڭ دۈمبىسىنى يۈلەپ ئاستا كۈتۈرۈپ، كۆكرەك قىسمى ئالدىغا چىققاندا يەنە ئاستا ياتقۇزۇپ قۇپۇش ئۇسۇلىنى تاكى بالا نەپەس ئالغىچە تەكرارلىسا بۇلىدۇ.تۇغۇلۇپ بىرنەچچە مىنۇتقىچە ھۇشىغا كەلمىسە مارجاننى ياكى مەرۋايىتنى قىزىتىپ بالىنىڭ تىرىسى كۆيمەيدىغان ھالەتتە ئىككى مەڭزى ۋە پىشانىگە ياقسا ھۇشىغا كېلىپ يىغلايدۇ. سۇغۇق ئۈتۈشتىن تۇنجۇققان بولسا ئىسسىق ئۇرۇندا ياتقۇزۇپ داكىنى سۇدا قىزىتىپ، بالىنىڭ كۆكرەك ۋە ئېغىزلىرىغا تەككۈزسە، بالىنى ئۈرە قىلىپ كۆرەكنى بوش بېسىپ بەرسە ھۇشىغا كىلىدۇ.

بۇۋاقلار ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئېلىپ نەپس، يۈرەك ھەركىتى ۋە چىرايىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش ۋە دەسلەپكى ئىمىتىش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش لازىم. دەسلەپ ئىمىتكەندىن كېيىنمۇ ئۈسۈپ قايتا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن بالىنى كۆپ مىدىرلاتماسلىق ۋە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇش كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى