ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش

تۇنۇش: يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش كۈپۈنچە بالىلارنىڭ بېشىدىكى قاناش، ئىششىق، كىندىكنىڭ قانىشى، قىز بۇۋاقلاردا جىسى يولنىڭ قانىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

سەۋەپلىرى:

(1) باش قانلىق ئىششىقنىڭ سەۋەبى: تۇغۇتتا ھامىلنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە مىدىرلىشى بىلەن بالىنىڭ باش سۈڭىكى ئانىنىڭ داس قىسمىغا سۈركېلىپ قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى تۇغۇت يۇلىنىڭ قاتتىقلىقى تۈپەيلىدىن بالىنىڭ بېشى قىسېلىپ قېلىپ باش سۈڭىكى ئاستىدىكى قان تومۇرلار يېىرلىپ، شۇ ئۇرۇنغا قان يىغىلىپ قېلىشتىن پەيدا بۇلىدۇ.

(2) كىندىك قاناشنىڭ سەۋەبى:

 كىندىك قاناشنىڭ سەۋەبى 2خىل بۇلىدۇ. 

(1) كىندىك  بېغىشى بۇۋاقلاردا كىندىك بوشراق بۇغۇلۇپ قالغان بولسا، كىندىك قۇرغاندىن كېيىن باغلاق بۇشاپ چۈشۈپ كتىىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە كېتىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە ياكى بەك چىڭ بۇغۇلغان بولسا كىندىكتىكى تومۇرنى ئىزىۋېىتپ قاناشنى پەيدا قىلىدۇ.

 (2) كىندىك چۈشكەندىن كېيىن كىندىكنىڭ تۈۋىدىن قان سىرغىپ چىقىپ قانايدۇ.

ئالامىتى

 باش قانلىق ئىششىقنىڭ ئالامىتى:

ئىششىق كۈپۈنچە بالا تۇغۇلۇپ بىرىنچى كۈنى بايقىلىدۇ. ئىششىقنىڭ ئورنى كۈپۈنچە بالا تۇغۇلۇپ بىرىنچى كۈنى بايقىلىدۇ. ئىشىشقنىڭ ئورنى كۈپۈنچە چۇقا سۈڭىكىدە ياكى چۇقا سۈڭىكىنىڭ ئارقا قىسمىدا بولۇپ، بەزىدە ھەرئىككى تەرەپتە قانلىق ئىششىق يۈز بىرىدۇ. ئىششىق ناھايىتى تىز چۇڭۇيۇپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كېيىن تەدرىجى كىچىكلەپ كېسەللەنگەن ئۇرۇندىكى تىرىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە كىلىدۇ. ئايرىملاردا كېسەللەنگەن ئۇرۇن قىزىرىپ ئىششىغان جاي لۈمۈلدەيدۇ. باسقاندا ئولتۇرۇشمايدۇ. ئىششىقنىڭ دائىرىسى ئىنىق بۇلىدۇ. ئورنى سۈڭەكنىڭ ئۈستىدە بولۇپ سۈڭەك چاكىلىرىدىن ئۆتمەيدۇ. پەيدا بولغان جاي توختايدۇ. ئىششىقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇزۇن بولغاندا 3، 4ئاي قىسقا بولغاندا ئىككى ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

داۋالاش: 

بۇكېسەلنى مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇشۇمچە كېسەللىكلەر قۇشۇلۇپ قالمىسىلا ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. قۇشۇمچە كېسەللىك پەيدابولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، زىدىلىنىشتىن ساقلاش لازىم. شۇڭا داكىنىڭ قېتىغا پاختا ئېلىپ يۇمشاق قىلىنغان يۆگەك بىلەن بالىنىڭ باش قىسمىنى يۆگەپ سۈركۈلۈپ زىدىلىنىشتىن ساقلاشنىڭ ئۈزى كۇپايە قىلىدۇ.

قىزىش ئەھۋالى كۈرۈلسدە قىزىتما قايتۇرغۇچى، ئىسسىقنى پەسەيتىپ ماددا تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى