ساغلاملىق

بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرمىغان ياخشى

نۆۋەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراۋاتىدۇ . ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ياكى  سۈت پاراشوكىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ . ھازىر ئاتا – ئانىلار بوۋاقلىرىغا ھەرخىل سۈت پاراشوكلىرىنى ئىچۈرىدىغان بولدى . سۈت پاراشوكىنى خالىغانچە ، تېز ئالماشتۇرۇش بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىدىكى پەرىدە ئىمىندىن ئىگەللىشىچە ، نۇرغۇن ئانىلاردا بوۋاققا ھەرخىل سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا پايدىلىق ، سۈت پاراشوكىنى قۇيۇق تەڭشەش بوۋاققا تېخىمۇ قۇۋۋەت بولىدۇ دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، قىسقا ۋاقىتتىلا مەلۇم خىل سۈتنى يەنە بىر تۈردىكىگە ئالماشتۇرۇش ، قۇيۇق تەڭشەپ بېرىش بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭشىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرستىپ ، ئاستا خارەكتىرلىك ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭلاشقا بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بىر ياشقا كىرگۈچە بىرخىل سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتش ، ئالماشتۇرۇش توغرا كەلگەندە يېڭىدىن ئالماشتۇرغان سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارى ھەم قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك ئىكەن .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى