ئاجايىباتلار

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

 

پايانسىز دۇنيا ئاجايىپ-غارايىباتلار بىلەن تولغان. كۆپچىلىك ئادەتتە چوقۇم نۇرغۇن غەلىتە ئادەم ھەم غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق غەلىتىلىكلەر پەقەت دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ دائىم پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئافرىقا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە، دائىم بىز ئىشەنگۈسىز ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىز بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز، چوقۇم نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىز چوقۇم ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت بىلەن بارلىق ئىشلارغا يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يېڭى يۆنىلىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەتەرنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇپ، جاپالىق باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىز كېرەك.

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇ ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھەم ناھايىتى ھەيران قالارلىق بىر ئىش. ئافرىقىلىق بىر ئايال 36 يېشىدا 44 بالىلىق بولغان، كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوقۇم ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بۇ ئافرىقىلىق ئايال ھازىر قانداقراق؟

ئافرىقىدا مۇنداق بىر غەلىتە ئايال بار.
بۇ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىش ئافرىقىدىكى ئۇگاندادا يۈز بەرگەن، بۇ يەردە مارىيە ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، ئۇ 36 ياشقا كىرگىچە جەمئىي 44 بالا تۇغقان، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش دېيىشكە بولىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلىرىمىزدە ئىككىدىن-ئۈچكىچىلا بالا بار، بەزى ئاياللار بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئىزچىل ھامىلدار بولالمايدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ شۇنچە كۆپ پەرزەنتلىك بولغان، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

ئۇگاندانىڭ يەرلىك ئادىتى بويىچە، مارىيە 12 يېشىدىلا ياتلىق بولغان، ئۇ 13 يېشىدا تۇنجى قوشكېزەك بالىسىنى تۇغقان. پەقەت بۇ قېتىمقى تۇغۇتىدىن كېيىن، ئۇ خۇددى كلاپاننى ئاچقاندەك بىردىنلا يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن. مارىيە ئاساسىي جەھەتتىن ھەر يىلى بىر قېتىم پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەدەن ساپاسىدا مەسىلە بولغاچقا، ھەر قېتىم ھامىلىدار بولغاندا قوشكېزەك ياكى ئۈچكېزەك تۇغىدۇ. بۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قوشكېزەككە ھامىلىدار بولۇش ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىش مارىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىق، بۇنداق ئەھۋالدىن ئۇ ناھايىتى بىئارامچىلىق ھېس بولغان.

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان.
تۇنجى قېتىم قوشكېزەك تۇغقاندىن كېيىن، مارىيە يەنە ئارقا ـ ئارقىدىن بەش جۈپ قوشكېزەك، تۆت جۈپ ئۈچكېزەك ۋە ئۈچ جۈپ تۆتكېزەك تۇغقان. شۇنداق قىلىپ ئۇ 36 ياشقا كىرگەندىلا 44 بالىلىق بولغان، بۇ ئىش شۇ جايدا مۆجىزە خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپ قالغان. لېكىن بۇنىڭغا قارىتا، مارىيە ناھايىتى باش قېتىنچىلىقى ھېس قىلغان.

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى مارىيەنىڭ ئېرى ئۇنى ۋە بالىلىرىنى تاشلىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جورىسىز ئانا بولۇپ قالغان. شۇنچە كۆپ بالىنى بېقىش ئۈچۈن، مارىيە ھەر كۈنى غايەت زور بېسىمغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇ مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. بۇ مەزگىلدە مارىيە يەنە نۇرغۇن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ جەنۋە ھارىقى ۋە ئۆسۈملۈكتىن دورا ياسايدۇ. گەرچە ئۇ شۇنچە كۆپ خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىرىمى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پۇل ئىشلىتىدىغان جايى ھەقىقەتەن بەك كۆپ.
«دوختۇرنىڭ بالىياتقۇمنى كېسىپ ئېلىۋېتىشىنى ئۆتۈنىمەن».
مارىيەنىڭ 23 ياشلىق قىزى كىبۇكا ئانىسىنىڭ شۇ قەدەر جاپادا قالغانلىقىنى ۋە چارچىغانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، ناھايىتى ئىش ئۇقىدۇ، شۇڭا ئۇ ئوقۇشتىن توختاپ، ئانىسىنىڭ ئائىلىسىنى بېقىشىغا ياردەملىشىشنى تاللىغان. ئەمەلىيەتتە مارىيەنىڭ ھايات كەچۈرمىشىمۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق، چۈنكى ئۇ تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئاپىسى ئۇنى تاشلىۋەتكەن. كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى ۋە باشقا بەش ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىلنى ئېلىپ قايتا توي قىلغان، ئۆگەي ئانىسى بەكلا زەھەرخەندە ئايال بولغاچقا مارىيەنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. شۇ چاغدا مارىيە ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەچكە ھايات قالغان.

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

36 يېشىدا 44 بالا تۇغقان ئايال ئەمدى تۇغمايمەن دەۋەتتى

ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
بۈگۈنكى كۈندە، مارىيە 44 بالىسى بىلەن بىر كىچىك ئۆيدە ياشاپ، داۋاملىق جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مارىيە مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ باقمىغان، مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم بالىلىرىمنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەر بىر كۈننى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش». ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىمۇ بەلكىم مەلۇم ئاساسى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر كۈنمۇ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان، ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باقمىغان، ئۇ توي قىلىشتىن ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئېرى يەنىلا ئۇنى تاشلاپ كېتىپ، ئۇنى بىر توپ بالىلار بىلەن يالغۇز جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان.

«ئىنسانلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى – بەختكە ئېرىشىش». -ئوۋېن
دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاشلا مارىيەمۇ بىر ئۇلۇغ ئانا، گەرچە ئۇ غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە شۇ سەۋەپلىك ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۆزىنىڭ ئانىلىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان. «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» دېگەندەك، ھازىر قېيىنچىلىقتا قىلىش مەڭگۈ شۇنداق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىم مارىيەنىڭ بۇ قېيىنچىلىقىمۇ ۋاقىتلىق بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى