ساغلاملىق

چاچ ئاقىرىش

ئادەملەر ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا چاچ، ساقال ئاقىرىش نورمال ئەھۋال. لېكىن ياش تۇرۇپ چاچ بىلەن ساقالنىڭ ئاقىرىشقا باشلىنىشى كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. 

سەۋەبى: ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان كىشىلەردە قان شورلۇق تەرەپكە مايىللىشىپ، بەدەندىكى ھارارىتى غەرىزە (تەبىئىي ئىسسىقلىق) ئاجىزلاشتىن چاچ ئاقىرىدۇ. بۇ نورمال ھالەت، لېكىن قان ھۆللۈك تەرەپكە مايىل تۇرۇقلۇق، بەدەندىكى ھارارىتى غەرىزە ئاجىزلاش بىلەن قاننىڭ قويۇقلۇق شىرىسىنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى تۆۋەنلەشتىن چاچ قەرەلىدىن بۇرۇن ئاقىرىدۇ. مانا بۇ چاچ ئاقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئورۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھەزىمنىڭ ناچارلىقى، ئوزۇنغا سوزۇلغان سەرپىياتچان كېسەللىكلەر، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زىيادە چارچاش، روھىي زەربە، غەم-قايغۇ، ھاياجانلىنىش، كۆپ ئويلاش، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى، ھاراق، تاماكا ۋە نەشە قاتارلىق ئىچكى ۋە سىرتقى ئامىللار ھارارىتى غەرىزىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە قاننىڭ تەبىئىي قويۇقلۇقى، يېپىشقاقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ. چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنىڭ ئۇدۇم (ئېرسىيەت) بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. 

داۋالاش: قان بىلەن مېڭىنى تازىلاپ، زىيادە بەلغەمنى (ھۆل سوغۇق) بەدەندىن چىقىرىدىغان، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدىغان ۋە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، بەدەننى چېنىقتۇرۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كېمەيتىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماك چەكمەسلىك، قېتىق، ھۆل مېۋە ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلماسلىق چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى توسۇش بىلەن چاچ ئاقىرىشنى داۋالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بەدەندىكى زىيادە بەلغەمنى (ھۆل سوغۇق) ماددىنى بەدەندىن چىقىرىش ئۈچۈن قەي قىلدۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش ياخشىراق. لېكىن تازىلاش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا بېرىلدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم بەلغەم سۈرگىسى، ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئىترىفىل سەغىر، ھەركۈنى ناشتىدا بىر دانە ھېلىلە مۇرابباسى يېيىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. چاچنىڭ ئاقىرىشىنى توسۇش مەقسىتىدە، مەجۈنى بالادۇر، جاۋارىش جالىنۇس، مەسرىدىتۇس قاتارلىق نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان نۇسخىلاردىن بىر خىلى دائىم ئىچىشكە بېرىلىدۇ. سېرىق ھېلىلىنى داۋاملىق شۈمۈپ بېرىشكە بۇيرۇش ياكى ھەركۈنى ناشتىدا سېرىق ھېلىلە تالقىنىدىن 1.5 گرامنى بىر پىيالە قاينىتىلغان سۈت بىلەن ئىستىمال قىلىش بۇيرۇلىدۇ. ھەركۈنى سىياداندىن 7-10 دانە يەپ بەرسىمۇ ياكى يۇقىرىدىكى چارىلەر بىلەن بىرگە قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ، چاچنىڭ داۋاملىق ئاقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر پات-پات كاۋاپ يەپ تۇرۇشى، تامىقىغا ئاقمۇچ، قىچا، دارچىن ۋە زىرە قاتارلىقلارنىڭ بىر خىلىنى سېلىپ يېيىشى ۋە سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى