ساغلاملىق

ھۆل تەمرەتكە

1.تونۇش: تېرىدە ئۇششاق ئەسۋە كۆتۈرۈلۈش ئاساسىدا تىرە زەخىملىنىپ، ۋە قىچىشىپ تاتىلىغاندا سېرىق سۇ چىقىدىغان سوزۇلما تىرە ياللۇغىدۇر. .

2.كېسەللىك سەۋەبلىرى .

1)خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇپمۇ بەلغىمى شورنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2)زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3)ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرۇشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرۇشى ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4)كېسەل ئوچىقىنىڭ يۇقۇملىنىشى.

5)نېرۋا ۋە روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى

6)سىرتقى ئامىللار تەسىرى

7)تەن سۈپىتى.

8)يۇقۇملىنىش.

3.كىلىنىك ئىپادىسى:

1)ئۆتكۈر دەۋرى: كېسەل ئۆتكۈر قوزغالغاندا، پەيدا بولۇشى بىر قەدەر تىز، بەدەننىڭ ھەر قانداق ئورنىدا بولۇپمۇ ماڭلاي، جاۋغاي، تاشقى قۇلاق، گەۋدە تۆۋەنكى مۈچە، ئەۋرەت ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. تىرە زەخمىسى چەكلىك، دائىرىلىك ياكى پۈتۈن بەدەنلىك بولىدۇ.

دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇن قىزىرىپ قىچىشىدۇ. ھەم سىمىتىرىك ھالەتتە قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ، ئەسۋەلەر ئۆز ئارا تۇتىشىپ، زىچلىشىپ، كۆپ خىل زەخىملىنىشنى پەيدا قىلىپ چېگراسىنى يوقىتىدۇ.

ئەسۋەلەر ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، چوڭىيىپ، سۇلۇق قاپارتمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىچىشىش ئېغىر بولغانلىقتىن سۈركەلگەندە ياكى تاتىلىغاندا قاپارتمىلار تېشىلىپ، كۆپ مىقداردىكى شىرنىلىك سۇيۇقلۇقلار سىرغىپ چىقىپ يەرلىك ئۇرۇندا شەلۋەرەشنى ھاسىل قىلىدۇ، ناۋادا ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا، يىرىڭلىق قاپاتمىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار قېتىشىپ، سېرىق ياكى يېشىل سېرىققا مائىل قەقەچلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. كېيىن ئاق رەڭلىك كېپەك پەيدا بولۇپ تەدرىجىي ياخشىلىنىپ 4-3ھەپتىدە ساقىيىدۇ.

قايتا غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر قوزغىلىدۇ.

2)يېرىم ئۆتكۈر دەۋرى: كۆپىنچە ئۆتكۈر دەۋرىدىن قالىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر ئاز يەڭگىللىشىپ؛ قالىدۇ. بولۇپمۇ سىرغىتما سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئەسۋە ھەجىمى كىچىكلەپ، قاپارتما ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئازىيىدۇ. ئەسۋە يېرىلغاندىن كېيىن ئاستى قىسىمى شەلۋەرەپ نەملىشىپ تۇرىدۇ. كېيىن قەقەچ تەڭگىچىلەر ھاسىل بولۇپ، قۇرۇپ، قېتىشىپ تۆكۈلىدۇ. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىشقا ئۇچۇرسا ئۆتكۈر دەۋرگە ئۆتىدۇ. لېكىن بۇ دەۋردە قىچىشىش سېزىمى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە بولىدۇ.

3)سوزۇلما دەۋرى: ئۆتكۈر ياكى يېرىم ئۆتكۈر دەۋرىدىكى ھۆل تەمرەتكېلەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە قايتا-قايتا تەكرار قوزغىلىشى، ۋاقتىدا داۋالانماسلىق، ياكى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى بىلەن سۇزۇلما ھۆل تەمرەتكىگە ئايلىنىدۇ. تېرىدىكى زەخمىلەر قارامتۇل قىزىل ياكى قارامتۇل كۈلرەڭدە بولۇپ، چېگراسى ئېنىق بولمايدۇ. تىرىلەر قېلىنلىشىپ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىپ كېپەكلىشىدۇ. قىچىشىش بەزىدە ئېغىر بەزىدە يەڭگىل بولىدۇ كېسەللىك جەريانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلىدۇ. تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدۇ.

4)دىياگنوزى: كۆپ شەكىللىك زەخىملىنىش، سىمىتىرىك تارقىلىش، ئۆتكۈر دەۋردە سىرغىتىشقا يۈزلىنىش، سۇزۇلما، تەكرار قوزغىلىشقا مائىل، شىددەتلىك قىچىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىپ بەدەندىكى پەيدا بولۇش ئورنى، ئۆتكۈر دەۋردە : ساقىتما ۋە شەلۋەرەشنى، يېرىم ئۆتكۈر دەۋرىدە، ساقىتمىلار ئازىيىش ۋە قەقەچ باغلاشنى، سوزۇلما دەۋردە تىرە قېلىنلاش، ئەسۋە رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر تۈسنى ئېلىش، تىرناق ئىزى، قەقەچ ۋە تەڭگىچىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

5)سېلىشتۇرما دىياگنوزى:

(1)ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىنى ئۆتكۈر دەۋردىكى ھۆل تەمرەتكە بىلەن سېلىشتۇرۇش.

ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدا سەۋەب ئېنىق، يەرلىك ئۇرۇندا چەكلىنىدۇ. ئەسۋە بىر خىل، چېگراسى ئېنىق، جەريانى قىسقا، سەۋەب يوقۇتۇلسا قايتا قوزغالمايدۇ.

(2)چەكلىك دائىرىدىكى نېرۋا خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدىن سوزۇلما ھۆل تەمرەتكىنى پەرقلەندۈرۈش.

نېرۋا خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدا ئەسۋە تەدرىجىي پەيدا بولىدۇ. سىرغىتما سويۇقلۇق بولمايدۇ، تىرە قېلىنلىشىدۇ. ياپىلاق دۆڭچە ئەسۋە بولىدۇ. بوغۇملارنىڭ تۈزىلىدىغان تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە بويۇن، بەل، توققۇز كۆز ساھەلىرىدە ئۇچرايدۇ. كۆپ خىل دورىلارغا چىداملىق، كېسەللىك جەريانى سوزۇلما بولىدۇ.

6. داۋالاش.

1) پىرىنسىپى:

 (1) ئالدى بىلەن غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى قاننى بۇزغۇچى سېزىمچانلىقى ئاشۇرغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

 (2) مىزاج ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مىزاج تەڭشىلىدۇ.

 (3) قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

 (4) سىرتىدىن قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى، ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، قەقەچلەرنى چۈشۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

2) داۋالاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىنىپ: بەلغىمى شورغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ، مىزاجنى تەڭشىگەندىن كېيىن قۇرسى شاھتەررە، مەجۈنى ئۆشىبە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە، قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. سىرتىدىن ئالدى بىلەن مامىران چېيىنى سۈيىدە ھۆل كامپىرىس قىلىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن مامىران چېيى مەلھىمى، مەلھىمى كىبرىت، مەلھىمى شىنكىرىپ قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى