ساغلاملىق

يۈزىڭىزگە مېۋە چاپلىماڭ

كۆپىنچە ئاياللار يۈزىگە مېۋە، كۆكتاتلارنى چاپلاپ تېرىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ، ئۇلار مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ، يۈزگە چاپلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىلىمى ئاساسى يوق، بۇنداق قىلىش بەزىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تېرە ئاسراشتا ئۈنۈمى بولسىمۇ، يۈزىگە بىۋاسىتە چاپلىغاندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. ۋىتامىن C نىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى بولسىمۇ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە يۈزگە چاپلىسا، تېرە قارىداپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى تېرە ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرت يەنە تۈرلۈك مېۋە تەركىبلىك گىرىم سۈيى ۋە تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى