ساغلاملىق

قارىداش كېسىلى

تونۇش: بۇ ھۆسنىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرخىل تېرە كېسىلى بولۇپ تېرىگە قارا داغ چۈشۈپ تېرە قارىداپ كېتىدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تېنىدە ۋىتامىن D، C، B، A ۋە نىكوتىن كىسلاتاسى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا ۋىتامىن كېمىيىش بىلەن ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇش بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالماقتا. بۇ كېسەل ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان بولۇپ ئادەتتە ھەيز مەزگىلىدە پىگمېنت ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ جىنسىي بەزلەر، ھىپوفىز، بۆرەك ئۈستى بېزى، پوستلاق ماددىسى، قالقان بەز قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇندىن باشقا گىرىم بۇيۇملىرىدىكى خۇشپۇراق ماتېرىيال ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ياسالما قاتارلىقلار تېرە پىگمېنت مېتابولىزمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ پىگمېنت چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى: بۇ كېسەل ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىق ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا، بولۇپمۇ يۈزىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاۋۋال مەڭز، قوۋۇزدا پەيدا بولۇپ، كېيىن پېشانە، قۇلاق ئەتراپى ۋە بويۇنلارغا يامرايدۇ، دەسلەپتە تېرە سەل قىزىرىپ قىچىشىدۇ ۋە كېپەكلىشىپ تەدرىجىي پىگمېنت چۆكىدۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۇسلايدۇ. ھەتتا يوقاپ كېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: داغ پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش، يۈزگە كۈن نۇرى چۈشۈشتىن ساقلىنىش، ئاپتاپتىن قوغدىنىش مېيى ئىشلىتىش، گۇمانلىق بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى