ساغلاملىق

تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز

پەمىدۇر: ئەگەر يۈز تېرىڭىز قۇرغاق بولسا پەمىدۇرنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز، تېرىڭىز ئاستا – ئاستا ئاقىرىدۇ . 

سەۋزە: سەۋزىنى يۇمشاق ئېزىپ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرە ئاقىرىدۇ . 

تاۋۇز: تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇۋەتسە، يۈز ئاقىرىدۇ . 

كاۋا: كاۋىنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، يۈزىڭىزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ھەم بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرسىڭىز، يۈزىڭىز ئاقىرىپ پارقىرايدۇ . 

قارا شېكەر: 300 گىرام قارا شېكەرگە مۇۋاپىق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سوۋۇتۇپ يۈزگە سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تېرە سىلىق، پارقىراق، يۇمران بولىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى