ساغلاملىق

تۇغما پۇراش سېزىمى ئاجىزلىق

تۇغما پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى پۇراش سېزىمىنىڭ تۇغما ئاجىزلىقى ياكى تولۇق بولماسلىقىغا قارىتىلغان.

سەۋەبى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىدا مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بولۇشى ياكى بەزى كېرەكلىك ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، بوۋاقنىڭ پۇراش سېزىم ئەسەبلىرى تولۇق تەرەققىي قىلالماي، نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۈتۈنلەي ياكى چالا سېزەلمەس بولۇپ تۇغۇلۇپ قالىدۇ. 

ئالامىتى: بالىلارنىڭ ھەرخىل پۇراقلارنى تولۇق ياكى قىسمەن پۇرىيالمايدىغان ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىلىنىدۇ. 

داۋاسى: كېسەللىك ئەھۋالى يېڭى ۋە يەڭگىلرەك بولسا، پۇراش سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا، مەجۈنى مەسھا قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنى بالىنىڭ يېشىغا قاراپ بىر مەزگىل بەرسە پۇراش سېزىمى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. 

ئەگەر كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى