ساغلاملىق

نىكېلنىڭ رولى

مىنېرال ماددا نىكېلنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى:Ni

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا نىكېلنى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمېنت دەپ پەرەز قىلغان، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەنىدى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 1974-يىلغا كەلگەندە كىشىلەر ئاندىن نىكېلنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپاتلىدى، لېكىن نىكېلنىڭ رولىغا نىسبەتەن چۈشەنچە بۈگۈنگە قەدەر ناھايىتى يۈزە ھالەتتە تۇرماقتا.

ئاساسلىق رولى: DNA نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە،   RNA نىڭ نۇسخىلىنىشىغا ۋە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۆمۈرنىڭ شۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى گەۋدىلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوغداش رولى بار.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق نىكېلنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكى مۇھىتتا نىكېلنىڭ مەنبەسى مول بولغانلىقتىن، نىكېل يېتىشمەسلىك ھادىسىسى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ.

نىكېلنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش رولى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىزىمدا نىكېل يېتىشمىگەندە ئىنسۇلىننىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق مىقداردا نىكېل تولۇقلىسا بەدەننىڭ تۆمۈرنى شۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىكېل مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، تەركىبىدە نىكېل مول يېمەكلىكلەردىن ئاغىچە (بادرەڭ)، پىياز، خەيدەي، سۇڭپىياز، موگۇ، چەيزە (پېدىگەن)، تەرخەمەك قاتارلىقلار بار. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىكېل مىقدارى ئادەتتە بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، بۇلاردىن تەركىبىدە نىكېل مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغىنى بېلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

1982-يىلى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى نىكېل مىقدارى زىيادە كۆپ مۇھىتنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن راك پەيدا قىلىش زىيىنى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

نىكېل ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زىيىنى نىكېل بىلەن ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.

چەت ئەللەردە خەۋەر قىلىنىشچە، نىكېل كالتسىي ئوكسالات كرىستالنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا ئۇ سۈيدۈك تېشىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىكېلنىڭ شۈمۈرۈلۈشى ئاشۇرۇلسا، ئۇ ھامىلىنىڭ تېنىدە جۇغلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىكېل بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.

نىكېلغا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان كىشىلەر زىننەت بۇيۇملىرى، كۆزئەينەك، قول سائىتى ياكى قاچا-قۇچا تاللاپ  سېتىۋېلىشتا، <تەركىبىدە نىكېل يوق> دېگەن چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى لازىم.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

ئادەم بەدىنىنىڭ نىكېلغا بولغان كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 0.2-0.5 مىللىگرام.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى