ساغلاملىق

كالىينىڭ رولى

مىنېرال ماددا كالىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى:K

تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35-%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ مۇسكۇل، نېرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، سۆڭەك مۇسكۇلى، نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددىدۇر.

ئاساسلىق رولى

يۈرەك مۇسكۇلى نورمالسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇلنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىنى ساقلاپ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك ئۆتكۈزۈشچانلىقى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلايدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىدۇ، نورمال قان بېسىم قىممىتىنى ساقلايدۇ. 

ناترىي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ. 

ئورگانىزمدا پەيدا بولغان لەختىلەرنى تازىلايدۇ. 

مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

مۇسكۇللار كۈچسىز بولىدۇ، قۇسىدۇ، بەدەن ئىششىيدۇ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، نېرۋا مۇسكۇللىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار:

دائىم ئەمگەك قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر:

تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارى يۇقىرىلار:

دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار:

ئاسان چارچايدىغانلار: 

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر:

ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلار:

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبسى

بارلىق دانلىق ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، تولۇق قايماقلىق سۈت، ھەرخىل كۆكتاتلار، مېۋە-چېۋىلەر (بولۇپمۇ بانان)، بەرەنگى تۈرىدىكىلەر ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەر.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەئىپ، تۇيغۇسى غەيرىي بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك رىتىمى جىددىي قالايمىقانلىشىش ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق كەمتۈك بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالىي تولۇقلىغاندا، ئۇنىڭ ناترىي بىلەن بولغان تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ فۇنكىسىيىسىگە زىيان يېتىدۇ. 

كالىي سۇدا ئېرىيدىغان مىنېرال ماددا بولۇپ، تاماق تەييارلاش ياكى سۇغا چىلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا قىزىتىلمىغان، پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋىلەر كالىيغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ بىخەتەر يول ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋېتىلسە، ئاش تۇزى تەركىبىدىكى كالىي خلورد قايناۋاتقان سۇدا ئېرىيدۇ-دە، كالىينىڭ تاماق پىشۇرۇش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى