ساغلاملىق

گۈڭگۈرتنىڭ رولى

مىنېرال ماددا گۈڭگۈرتنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: S

تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: گۈڭگۈرت ھەربىر ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مىقدارى كۆپرەك ئېلېمېنت بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئامىنو كىسلاتانى تەشكىل قىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە گۈڭگۈرت تېرە، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلېكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغانلىقتىن، ئۇ يەنە ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر لازىملىق مىنېرال ماددا ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسلىق رولى

گۈڭگۈرت ئامىنو كىسلاتانى تەشكىل قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق تەركىب، ئامىنو كىسلاتا بولسا ئاقسىلنى بىرىكتۈرىدىغان ئاساسىي ماددا، ئاقسىل بولسا چاچ، تىرناق، تېرىنى ھاسىل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىمدۇر. 

گۈڭگۈرت يەنە كوللاگېن بىرىكتۈرۈشتىكى لازىملىق مىنېرال ماددىدۇر، كوللاگېن بولسا تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتە تېرىنىڭ يىرىكلىشىشىنى ياخشىلاش، كۆيۈكنى داۋالاش قاتارلىقلاردا سىرتىغا ئىشلىتىلىۋاتقان مەلھەم دورىلار ياكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولىدۇ. 

ئوكسىگېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار بىلەن بىللە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 

ئۆ سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 

باكتېرىيە تەرىپىدىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ستوپلازمىنى قوغدايدۇ، جىگەرنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ، ئاقسىل ئىنتايىن كەمچىل بولغاندىلا، ئاندىن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئالامەتلىرى تېرە ياللۇغى، تىرناق چۈرۈكلىشىش، چاچ چۈشۈش، قېرىلىق دېغى پەيدا بولۇش، بوغۇملارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىش، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار:

چېچى ئاسان چۈشۈپ كېتىدىغانلار:

تىرنىقى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغانلار:

زەھەرسىزلەندۈرۈش زۆرۈر بولغانلار:

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

جانلىقلارنىڭ تېنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئورگانىك گۈڭگۈرت ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زەھەرسىز، ئەمما جانلىقلارنىڭ تېنىدە مەۋجۇت بولمايدىغان ئانئورگانىك گۈڭگۈرت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە، بەزى ناچار قوشۇمچە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلار ئىشلار

كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە يېتەرلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلىنسىلا، گۈڭگۈرت يېتىشمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

گۈڭگۈرتنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم يوق.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى